جاھان ئاگېنتلىقى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندىكى «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتى جەريانىدا تۈنۈگۈن كەچ ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تائىز رايۇنىدا بىر قانچە نىشانلارغا زەربە بېرىلدى. بىخەتەرلىك دائىرلىرىدىن ئېرىشكەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرى پۈتۈن كىچە تائىز رايۇنىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى. ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشتا شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى قۇراللىقلىرى جايلاشقان ئالاھىدە قىسملارغا ئائىت ئورۇنلار ۋە تائىزغا قاراپ ماڭغان ھەربىي ياردەم ماشىنىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. يەنە ھۇسىيلەر ئورۇنلاشقان ئەس-ساكر تەنتەربىيە كۇلۇبىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
سىياسىي كىرزىس يۈز بېرىۋاتقان يەمەندە ھۇسىيلەر پايتەخت سەنئا قاتارلىق بىر قانچە رايۇنلارنى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت ھادى ئەدەننى ۋاقىتلىق مەركەز دەپ ئېلان قىلغان ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر دىپلوماتىيە خادىملىرىنى ئەدەنگە يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ھۇسىيلەر ئەدەنگە قاراپ يۈرۈش قىلغان ۋە ئەدەندىكى بىر قىسىم ئىستراتىگىيەلىك مۇھىم نوقتىلارنى كونترول قىلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھادى ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن جىددى ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرى 26-مارتتا يەمەندىكى ھۇسىيلەرگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved