رۇسىيە سىياسىي پارتىيەسى گورباچېفقا جىنايەت بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى

جۇڭگو مالىيە ئىقتىساد تورى 17-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 15-مارت رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەڭ ئاخىرقى رەھبىرى گورباچېف ۋە رۇسىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى يىلىتسىن ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىلدە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى دۆلەت قاتلىمى جەھەتتىن بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان. گورباچېف شۇ كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتتە جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلىش، بۇنداق پارتىيەنى تارقىتىۋېتىش كېرەك، دېگەن.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە، ئىلىنوف باشچىلىقىدىكى رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ: تارىخىي ئادىللىق پىرىنسىپىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم دۆلەت قاتلىمى جەھەتتىن گورباچېف بىلەن يىلىتسىننىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى باھالاپ چىقىش كېرەك، دېگەن.

بۇ مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: گورباچېف بىلەن يىلىتسىن ئەينى مەزگىلدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن چىقارغان قارار ۋە سىياسەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى ۋە مىللەت توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلق ئارىسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تىز سۈرئەتتە يامراپ كېتىشى ۋە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋەتكەن، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرزىسغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان: مەسىلەن، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يېرىمدىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كەتكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۈچتىن بىرى كېمىيىپ كەتكەن، يېرىمدىن كۆپرەك خەلق نامراتلىق تۇرمۇشىغا چۈشۈپ قالغان، ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئاممىسىنىڭ پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىپ، دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسى ۋەيران بولغان. زور مىقداردىكى دۆلەت مال مۈلكى شەخسىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە زور كۆلەملىك مەبلەغ سىرتقا ئېقىپ كەتكەن. بۇ مەكتۇپتا يەنە رۇسىيەنىڭ تارىخى ساۋاقنى ئىسىدىن چىقارماي، ھەممە ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇپ سىياسەت چىقىرىشىنى، يۇقىرىقىغا ئوخشاش خاتالىقلارنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تەشكىلات ئەزاسى نىلوف مۇنداق دېدى: ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەيدانى بولسا بۇنداق ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغان رەھبەرلەرنى چوقۇم جازالاش كېرەك، گورباچېفنىڭ ئاسىيلىق قىلمىشى ۋە يۇمشاقباشلىق مەيدانى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يىلىتسىن بولسا ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلاردا ئۆز دۆلىتىنىڭ كارخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، زور مىقداردا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلدى.



خەتكۈچلەر:
17-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، كېنىيە پايتەختى نايروبىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئامان قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. شۇ جاي ۋاقتى 29-ئاپرېل كەچتە تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر ياغقان ھەمدە قىسمەن جايلاردا كەلكۈن كەلگەن بولۇپ،  ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈ...
01-05-2016
    ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما نۆۋەتتە سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus تۇنجى نۇسخىدىكى سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارغا ئىگە ئالما يان تېلېفونىغا ئايلىنىدىك...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى 97 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى (چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 65 نەپەر، تەيۋەندىن 32 نەپەر) جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن جۇڭگو خ ج ئورگانلىرى تەرىپىدىن مالايسىيادىن دۆلەتكە قايتۇرۇپ...
30-04-2016
    نۆۋەتتە جۇڭگو 10 نەچچە دۆلەتكە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جۇڭگو ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تىپى «چاقماق» تىپىدىكى ئايروپىلان...
30-04-2016
    يان تېلىفۇن تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نوكىيا بىلەن MOTO نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىققىنى يوق. بۈگۈنكى كۈندە MOTO قۇرۇلما جەھەتتىن ھايات تۇرغان بولسىمۇ لېكىن نوكىيا ئاللىبۇرۇن يىقىلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى ...
30-04-2016
     بۇ يىللىق MWC يىغىنىدا، مودۇللاشقان LG G5 گە ئەگىشىپ بىرگە پەيدا بولغىنىدىن يەنە يىپيېڭى X يۈرۈشلۈكىدىكى ئىككى نۇسخا يېڭى يانفون LG X Cam ۋە LG X Screen بار. بۇنىڭ ئىچىدە LG X Screen ئاللىقاچان قىسمەن بازاردا بازا...
30-04-2016
كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇياش پۇشتى» ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىر تىرىليون كورېيە پۇلى (تەخمىنەن 5 مىليارد 700 مىليون يۈەن) غا يەتتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قويۇلۇش ھوقۇقى جۇڭگو ۋە ياپونىيەگە سې...
30-04-2016
     يېقىندا شاڭخەي شەھىرىنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى پىكىرىنى ئېلان قىلىشى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى چىقارغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ سانى 29 كە يەتكەن. ھەر قايسى جايلارنىڭ لايىھە...
30-04-2016
    «ئامېرىكا كاپىتانى 3» بۈگۈن زور مىقداردىكى يېڭى سىنارىيە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا كاپىتانى، قارا تۇل خوتۇن، قىزىل پېرخون، 13-نومۇرلۇق ئالاھىدە خادىم، خىيالىي تۇيغۇ، بۈركۈت كۆز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى سىنارى...
30-04-2016
   ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ 28-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ كالىفورنىيە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى ئەر گۇماندارىنىڭ iphone نىنى ئېچىش ...
Powered by Leglek