ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ ئاخباراتچى خادىمى مۇنۇلارنى ئاشكارىلاپ: ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئەۋەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى 16-دېكابىر شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇرىش دېگەن يېرىدە مەخپىي سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئاساسى جەھەتتىن كېلىشىم تۈزۈش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، دېگەن. 2010-يىلى 5-ئايدا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش كېمە ئەترىتى «ئەركىن غەززە كېمە ئەترىتى» ئىسرائىلىيە تەرەپ قامال قىلغان غەززە دېڭىز رايونىغا كىرگەندە ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە قىسمى زورلۇق بىلەن قۇتقۇزۇش كېمە ئەترىتىگە چىققان. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇپ قالغان، توقۇنۇش جەريانىدا 10 نەپەر پىدائىي خادىم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز نەپەر تۈركىيەلىك بار ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى دەرھال يامانلاشقان. ئىسرائىلىيە تەرەپ كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغانلىقتىن، 2011-يىلى تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. 2013-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇ شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ رەسمىي كەچۈرۈم سورىغان. ئارقىدىن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان.
ئىگىلىنىشچە، ئىككى تەرەپ مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىلاردا سۆھبەتلىشىپ پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن: ئىسرائىلىيە ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد دوللارلىق بىر تۆلەم بېرىش فوندى تەسىس قىلىپ، بۇنى قۇتقۇزۇش كېمىسىدە قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئائىلىسىدىن ھال سوراش ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ؛ ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆز ئارا ئەلچى ۋە دىپلوماتلارنى ئەۋەتىدۇ؛ تۈركىيە پارلامېنتى قانۇن ئارقىلىق ۋەقەگە چېتىشلىق بولغان ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرىگە قارتا بولغان شىكايەت قىلىش ئەرزىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ تۈركىيە خاماسنىڭ تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ، ھەمدە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق خاماس تەشكىلاتىنىڭ بىر ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ؛ ئىسرائىلىيە تۈركىيەگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدۇ، ھەمدە تۈركىيەدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا بارىدىغان بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved