تۈنۈگۈن مالايسىيا ئايرۇپىلانى يوقاپ كەتكەنلىكىنىڭ 20-كۈنى،مالايسىيا ساقچى تەرەپ ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلار ،خىزمەتچى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرىنىشىنى ھەتتا ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ھالىتىگە قاراپ ،ئايرۇپىلان باشلىقى زاھالىنى بىردىنبىر گۇماندار دەپ ئىيىتتى.
‹بۈگۈنكى ئامرىكا گىزىتى›دە دىيىشىچە مالايسىيا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بۇ قىتىمقى ۋەقەنىڭ ئايرۇپىلان زاپچاسلىرى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلىقى،زاھالىنىڭ ئەڭ چوڭ گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئىيىتقان.
ساقچى تەرەپ زاھالىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى،يەنە تىلىفۇن خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئايرۇپىلان بۆلۈمىدە بىر سىرلىق ئادەم بىلەن ئىككى مىنۇت پاراڭلاشقانلىقنى بايقىغان.ۋاقتىنچە ئۇنىڭ تىرورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى يوق دىيىلسىمۇ،ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ تىخنىكا جەھەتتىن تەجرىبىسى كەمچىل،رادارنىڭ تەسىرىدىن قىچىپ كىتەلمەي ئەسلى بىيجىڭغا ماڭىدىغان ئايرۇپىلاننى جەنۇبىي ھىندى ئوكيان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۇچىلارنىڭ مەشغۇلات كونتىرول قىلىشى ئاجىز ،شۇڭا زاھالى ئەڭ گۇمانلىق دەپ قارىغان.
ئۇنىڭ 26 ياشلىق ئوغلى ئەھمەت تۇنجى قىتىم سۆز قىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھازىرغىچە مالايسىيانىڭ ئىسپاتسىزلا دىگەن بىرمۇ ھايات ئادەم يوق دىگەن گىپىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى،ھەم داددسىنىڭ بۇ ، ئىشتا مەسئۇلىيىتى يوقلقىنى ئىيىتقان.
ھەم مۇخبىرلارغا:مەن دادامنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىمەن،دادامنى ئەيىپلىگەن ھەرقانداق كىشىلەرگە پىسەنت قىلمايمان دىگەن.
دوڭكۇەي تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved