شىنخۇا تورى خەۋىرى : ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 28-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، فىلورىدا ئىشتاتى مىئامى شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا شۇ كۈنى سەھەر ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 11 ياشلىق بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم يارىلانغان ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرەيلەننىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ۋەقە سەھەر سائەت 1:00 لەردە يۈز بەرگەن بولۇپ ، بۇ چاغدا كېچىلىك كۇلۇبتىكىلەر يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋاتقانىكەن . ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار يارىلانغانلارنى دەرھال دوختۇرخانىغا يەتكۈزگەن .
نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved