مۇتەخەسىسلەر بىر ئىتالىيە تېز تاماقخانىسىدا 150 ئادەمنى كۆزەتكەندىن كېيىن ئۇلار يىگەن سالات، پىسا قاتلىمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئەرلەر ئاياللار بىلەن بىللە تاماق يېگەندە دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يېگەن چاغدىكى قارىغاندا پىسانى، كۆكتات سالاتنى كۆپ يەيدىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئالامەت شۇكى، ئەرلەر ئۆزى بىلەن بىللە تاماق يېگەن ئايالنى قانچە ياخشى كۆرسە تاماقنى شۇنچە كۆپ يەيدىكەن.
بۇ تەتقىقاتقا باشلامچىلىق قىلغان مۇتەخەسىس دوكتۇر مۇنداق دېدى: ئەرلەرنىڭ تاماقنى كۆپ يېيىشتىكى مۇددىئاسى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش بولسا كېرەك. چۈنكى تاماقنى كۆپ يېيىش جەھەتتە بەسلىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر.
ئەرلەر تاماق يېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا كېرەك. ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككە، ئەرلەر تاماقنى مۇنداق كۆپ يەيدىغان بولساغ بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېلىپ، مۇراد مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە نەتىجىگە ئېرىششىدە گەپ يوق. شۇڭا ئەرلەر بىللە تاماق يېگەن ئاياللارنى قانچە ياخشى كۆرسىمۇ، يەنىلا تاماقنى ئېھتىيات بىلەن يېگىنى تۈزۈك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved