ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ياڭ شىپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بەش تىجارەت بۆلۈمىنىڭ 102 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىكى 2700 دىن ئارتۇق كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن BRT ئاپتوبۇسلىرى يېقىندا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 1-بۆلۈمىنىڭ تېخنىكى شى لېينىڭ ئېيتىشىچە، كوچا ئاپتوبۇسىدا يولۇچى توشۇشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن، ھەر ھەپتىدە ئاپتوبۇسلار تۆت قېتىم تەكشۈرۈلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوبۇسنىڭ تەگلىك جازىسى، ماي يولى، ئورالغان توك سىمى، موتورى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوقى، ئوت ئۆچۈرگۈچ، بىخەتەرلىك بولقىسى ۋە تەبىئىي گاز قۇرۇلمىسى، ئاككۇمۇلياتور قاتارلىق ئەسلىھەلەر تەكشۈرۈلىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گورۇھى 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جىنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى 5-يانۋار چۈشتىن كېيىن چاقىرغان يىغىندا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ 48 لىنىيەدە قاتنايدىغان 1100 دىن ئارتۇق ئاپتوبۇسنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك خىزمىتى تەكشۈرۈلگەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved