جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارى مائارىپى ئالاھىدە ئەلچىسى، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بۇراۋىن 21-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەرشارى بالىلار مائارىپى جىددىي فوندىنى قۇرۇپ، توقۇنۇش، كىرىزىسدە قالغان بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
براۋىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندا 20 مىليوندىن كۆپرەك بالا ئوقۇشسىز قىلىپ، ئۇلار مائارىپ ۋە قوغدىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى.
براۋىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىرىزىسى ۋە جىددى ئەھۋال ئاستىدا، مەكتەپلەر بالىلارنى ئوقۇش پۇرستى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
براۋىن مۇنداق دېدى: كورىيەدە يېپىلغان دۇنيا مائارىپ مۇنبىرىدە، ھەر قايسى ياردەم بەرگۈچى ئورگانلارنىڭ يەرشارى بالىلار مائارىپى جىددىي فوندىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ فوندىنى تېزدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved