خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى راگاردى 11- مارت بېرلىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە ئومۇمىي سوممىسى 17 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قەرز پۇلى بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى قەرز پۇل بېرىش پىلانىنىڭ مۇددىتى تۆت يىل بولۇپ، بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادنى تىزدىن مۇقىملاشتۇرۇشقا، ئۇكرائىنانىڭ بىر قاتار قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلىپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋە خەلق تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى يېڭى قەرز پۇل بېرىش پىلانى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئۇزاق، تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved