سىنا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
رۇسىيە «كۆز قاراش گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،پولشا پىرېزىدېنتى بورونىسلوۋ. كوموروسكى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدىغان «غەلىبە كۈنى» دىكى ھەربىي پارات دۇنيانىڭ مۇقىمسىز ۋە تىنىچسىز ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىدى.
كوموروسكى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پولشا تارىخى ساۋاقنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشى، قايمۇقۇپ قالماسلىقى، ھەر قانداق تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.ئۇ مۇنداق دېدى: بىلىشىمىز كىرەككى، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى پات ئارىدا يېتىپ كىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، موسكۋا قىزىل مەيدانى يەنە بىر قېتىم تانكا مەيدانىغا ئايلىنىدۇ.تېخى پات يېقىندىلا جاھاندا ۋە بىزنىڭ ئالدىمىزدا قوشنا مەملىكەت ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان ئارمىيە شۇ جايدا كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.ھەربىي توقۇنۇش بىزنىڭ چىگرىمىزغا ھېچقاچان ھازىرقىدەك يېقىن بولۇپ باقمىغان.
كوموروسكى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بىز بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات، ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش تارىخنى خاتىرىلەش بولماستىن، بەلكى ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ نامايەندىسى، ھازىرقى دۇنيانىڭ مۇقىمسىزلىقىنىڭ ۋە تىنچ ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم.بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىز چوقۇم پولشانىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشىمىز لازىم.»
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «پولشانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيىتى تارىختىن بويان مۇرەككەپ. چۈنكى بىز غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.شۇڭلاشقا بىز چوقۇم تارىخىي ئاچچىق ساۋاقنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىمىزنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز لازىم»
2015-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقنىڭ 70 يىللىقى.شۇنداقلا رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى.رۇسىيە 5-ئاينىڭ 9-كۈنى « ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە كۈنى»دە داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.رۇسىيە ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەت باشلىقلىرىنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدىغان تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، 30 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىشنى قارار قىلغان.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved