خاگېل: ئامېرىكا سۈرىيە سىياسىتى ئۆزىنىڭ بىلەن پۇت-قولىنى چۈشەپ قويدى

    ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى خەنزۇچە تورىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل 12-يانۋار كۈنى ۋاشىنگتوندا «سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ <ئەسەدنى تەخىتتىن چۈشۈرۈش> سىياسىتى بىلەن پۇت-قولىنى چۈشەپ قويماسلىقى كېرەك ئىدى» دېگەن.

   خەۋەردە «ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ئەسەدنى ئۆكتىچىلەرگە رەھىمسىزلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى تەخىتتىن چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇردى» دېيىلدى. ئەمما خاگېل ئەقىل ئامبىرى ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىدە ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:«ئەسەد ئەزەلدىن بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس. ئۇ دەرۋەقە رەھىمسىز <ھۆكۈمران>. دۇنيادا رەھىمسىز <ھۆكۈمران> لار ناھايىتى كۆپ، مەن رەھىمسىز <ھۆكۈمران>لارنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن كەلمىگەن.»

   خاگېل 2013-يىلى 2-ئايدىن 2015-يىلى 2-ئايغىچە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى:«ئامېرىكا ئىراقنىڭ رەھبىرى سادام ۋە لىۋىيەنىڭ سابىق زەھبىرى قەززافىينىڭ ئىشىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. سادام بىلەن قەززافىي رەھىمسىز ھۆكۈمران دەپ قارالغان، ئۇلار غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشى بىلەن تەخىتتىن چۈشۈپ، ئۆلتۈرۈلدى، ئەمما ئىراق بىلەن لىۋىيە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە قالدى، تېررورچىلارمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ ئىككى دۆلەتتە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«سىز بىر رەھىمسىز <ھۆكۈمران>نى قوغلىۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما سىز ھازىر قانداق جاۋابقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. بىز ئەزەلدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باقمىدۇق: سادامدىن كېيىن كىم كېلىدۇ؟»

   خاگېل «ئوتتۇرا شەرقتە، بولۇپمۇ سۈرىيەدە يېتەرلىك دەرىجىدىكى مۇقىم ھالەت شەكىللەنمەي تۇرۇپ، ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزگىلى ھەم يۈرگۈزگىلى بولمايدۇ. بۇ رۇسىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەن بۇ ھەم ئىرانلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايمەن. مەن رۇسىيە، ئىران ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتناشمىسا، ئوتتۇرا شەرقتە مۇقىملىق بولمايدۇ، دەپ قارايمەن».

   خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:«خاگېل ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا <دىپلوماتىيە سىياسىتى> ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئاقساراي خەۋپسىزلىك كومىتېتىدىكىلەر بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاز بولمىغان زىددىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە تەۋە بولغان خاگېل ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق چەمبىرىكىدىن سىقىپ چىقىرىلدى، دەپ قارىدى».

   2013-يىلى، ئوباما ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قىزىل سىزىق سىزىپ، «سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشقا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن. ئامېرىكىدا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتى بايقالغاندىن كېيىن، خاگېل دەرھال ئاي پالتا ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن سۈرىيە پايتەختى دەمەشىققە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. ئەمما ئاخىرىدا ئوباما ئۇنى توختىتىپ قويغان. خاگېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. خاگېل ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىدە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:«بايانات ئېلان قىلىپ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، بۇ دەرۋەقە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇردى. دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نېمە دېسە، بولۇپمۇ دېپلوماتىيە ئىشلىرىدا باشقا رەھبەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە نېمە دېسە، بۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.



خەتكۈچلەر:
15-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
رۇسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنسۇئىلا زۇڭتۇڭى نىكولاس مادۇرونىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا يېڭى تارىخىي دەۋرنىڭ رەھبىرى ئىكەن. مادۇرو يەنە پۇتىنغا گۈزەل تىلەكلىرىنى يوللىغان، ...
18-05-2016
  ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 16 – ماي كېنىيەدە دوكلات ئېلان قىلىپ: 2014 – يىلى 12 – ئايدىن بۇ يىل 4 – ئايغىچە، كېنىيەدە تۇرۇپ قالغان 13 مىڭ 800 سومالى مۇساپىرى ئارقا – ئارقىدىن دۆلىتىگە قايتۇرۇلدى، دېدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ب د ت ...
18-05-2016
مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىشقا ئايلانماقتا. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى...
18-05-2016
  رۇسىيە <بەلباغ> خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ماريلاند شىتاتىدىكى سام ئىسىملىك 17 ياشلىق بويتاق يىگىت مەكتەپ پۈتتۈرۈش تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مۈشۈكىنى تانسا ھەمراھى بولۇپ بې...
18-05-2016
  لىۋىيە مەسىلىسى دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 16 – ماي ئاۋسترىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھۆكۈمىتى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››...
18-05-2016
فرانسىيە «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ كولوندىكى ئاۋات مەركىزى بەلۋاغدىكى بىر ئاشخانا يېقىندا تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. چۈنكى بۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى...
18-05-2016
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ كاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان پرېزىدېنتى پراناپ مۇكېرجى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇڭگونى زىيارەت قىلغىلى كېلىدىكەن. لۇ كاڭنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن...
18-05-2016
    5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭغا يېتىپ بېرىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان...
18-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئەنگلىيەنىڭ ۋوس، ئايال پادىشاھ ئىلزابىت دۆلەتلىك ئابىدە ئۆسۈملۈك باغچىسىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەمدە ئافغانىستاندا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە قۇربان بولغان ئەسكەرلەرگە ھۆرم...
18-05-2016
تاس ئاگېنتىلىقىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى شامىل تاھىر 16-چېسلا Twitter دا سۆز قىلىپ، رۇسىيە ئايروپىلانىدىن يەنە بىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغاپ...
Powered by Leglek