جاھان ئاگېنتلىقى 28-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوباما، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىگە بىر ھەپتىلىك ئىقتىساد تەمىنلەيدىغان قانۇن لايىھەسى ئىمزالىدى. ئەمما 100 مىڭدىن كۆپ فىدىراتىسيە بىخەتەرلىك خادىمى بىر ھەپتە ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئامېرىكا كىڭەش پالاتتاسى، ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىگە 7 كۈنلۈك ئىقتىساد تەمىن ئېتىدىغان قانۇن لايىھە تەكلىپىنى 60 ئاۋازغا قارشى 357 ئاۋاز بىلەن قۇبۇل قىلدى.
پالاتتانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە قاتتىق تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان قانۇن لايىھەسىگە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوبامامۇ ئىمزا قويدى.
ئامېرىكا پارلامېنتى، كىلەر ھەپتە ئىچىدە مىنىستىرلىككە مەبلەغ مەنبەسى ئەۋەتمىسە، يۈز مىڭدىن كۆپ فېدىراتسىيە بىخەتەرلىك خادىمى يا ئىشتىن توختايدۇ، ياكى مۇئاش ئالماستىن ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇلار ئارىسىدا چېگرا ۋە ئايرودرۇم ساقچىلىرىمۇ بار.
پارلامېنتتا كۆپ سانلىققا ئىگە بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر، مىنىستىرلىكنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىسىنى ئوبامانىڭ دۆلەتتىكى 5 مىليونغا يېقىن قانۇنسىز كۆچمەنگە قانۇنى ھۇقۇق بەرگەن كۆچمەنلىك ئىسلاھاتىدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن ۋاستە قىلىپ ئىشلەتمەكتە.
ۋەكىللەر مەجلىسى ، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىگە 3 ھەپتىلىك ئىقتىساد تەمىنلەش قانۇن لايىھەسىنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قۇيۇشتا 203 ئاۋازغا قارشى 224 ئاۋاز بىلەن رەت قىلغان ئىدى.
پرېزىدېنت ئوباما، مىنىستىرلىكنىڭ ئىقتىسادنىڭ كۆچمەنلىك ئىسلاھاتىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش مەقستىدە ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار، «مىللى بىخەتەرلىكىمىزنى سىياسەتكە ۋاستە قلمايمىز» دىگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى دېىكابىردا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى تاقىلىشىغا 2.5 سائەت قالغاندا ئىمزالانغان قانۇن لايىھەسى، ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنى پەقەت فېۋرال ئاخىرىغا قەدەر ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved