جىياڭشى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 3- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا بانكىسى يېقىندا «پاكىستاننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى» ناملىق بىر پارچە دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە دىنى مەزھەپلەر ئارىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتى پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى، تىرورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى، ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، شەخسى تارماقلار ۋە جامائەت ئاساسى ئەسلىھەلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن بۇزغۇنچىلىق، مەبلەغ سېلىشقا بولغان توسقۇنلۇق قاتارلىقلارنى ئۇنۋېرساللاشتۇرۇپ ئويلاشقاندا، پاكىستان ھەر يىلى جىددى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن %2 GDP نىڭ ئېشىشىدىن مەھرۇم قالماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە فېدىراتسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قەبىلە رايۇنلىرى، بالوچىستان ئۆلكىسى قاتارلىق ئەڭ نامرات، تېررورلۇقنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچراپ كېلىۋاتقان رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى ئەڭ چۇڭقۇر تەسىرگە ئۇچرىغان. گەرچە ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىسمەن رايۇنلاردىكى تىرورلۇق پائالىيەتلىرى ئاز- تولا پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ بىر قەدەم ياخشىلىنىشىغا تايىنىدۇ.
ئىقتىساد جەھەتتىن ئېيىتقاندا، دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: پاكىستان پاكىستان ئىقتىسادىنى ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا توكنىڭ كەم بولۇشى، سودا مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشى، سودا باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ جىددى بولۇشى قاتارلىق بىر قاتار يادرولۇق مەسىلىلەر چوقۇم ياخشى ھەل قىلىنىشى كېرەك، ئەگەر ئىلمى تەرەققىيات بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا پاكىستان ھۆكۈمىتى چۇقۇم ئېنىرگىيە ۋە باج يىغىش تارماقلىرىغا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ كەتسە، ئۇنداقتا پاكىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە سودىسىغا سەلبى تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئىچكى قىسىم جەھەتتە زەربىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاستە كەمچىل شارائىتتا، پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ سىرتقى ئىقتىسادى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يوق.
دوكلاتتا قىياس قىلىنىشچە، پاكىستان ئىقتىسادى 2016- يىلى %4.5 لىك ئىقتىساد ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، 2017- يىلى %4.8 لىك ئىقتىساد ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، پاكىستاننىڭ 2017- يىلىدىكى مەبلەغ سېلىشى GDP سىنىڭ %15.4 نى ئىگەللىشىدە ئۈمىد زور ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەمەن بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلكۈن ئاپىتى كېلىپ چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved