كومپىيۇتېرىڭىزدىكى A دېسكا ۋە B دېسكا قەيەرگە كەتتى ؟

Windows سېستىمىسىدىكى كومپىيۇتېرنى قوزغاتقاندا تۇنجى دېسكا بولسا C  دېسكىسىدىن باشلانغان بولۇپ، A ۋە B دېسكىسى قەيەرگە كەتتى؟

 قاتتىق دېسكا رايون نومۇرى يەنى دېسكا بەلگىسى  مىكروسوفت سېستىما قۇرۇلمىسىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ دېسكىسىغا نام بېرىش شەكلى. UNIX ۋە  LINUX سېتىمىسىدا دېسكا بەلگىسى ئۇقۇمى يوق.

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 80-يىللارنىڭ بېشىدا IBM كومپىيۇتېرى ئالىي دەرىجىلىك كومپىيۇتېرنىڭ سىمۋولى ئىدى، قاتتىق دېسكىنىڭ باھاسى مىكرو كومپىيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغاچقا بىر قىسىم كارخانىلار قاتتىق دېسكا سەپلەنمىگەن كومپىيۇتېرلارنى بازارغا سالغان ھەمدە ئەرزان باھاسى ئارقىلىق تەدرىجىي ئومۇملاشقانىدى.

    ئۇ دەۋىردە DOS سېستىمىسى ئومۇملاشقان بولۇپ، بولۇپمۇ مىكروسوفت قۇرۇلغان چاغدا سېتىۋالغان  86-DOS ۋە ئۇندىن كېيىنكى  MS-MOS ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ سېستىمىلار بالدۇرلا سىرتتىن چېتىلىدىغان دېسكىغا دېسكا بەلگىسى تەقسىم قىلغان بولۇپ، تۇنجى دېسكا بەلگىسى A دېسكا ئىدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسلىق ساقلاش ئۈسكىنىسى يۇمشاق دېسكىغا قارىتىلاتتى.

   دەسلەپكى يۇمشاق دېسكا 8 دىيۇم چوڭلۇقتا بولۇپ، مىكرو كومپىيۇتېرنىڭ لاھىيلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا پايدىسىز ئىدى، MS-DOS سېستىمىسى ئومۇملاشقان مەزگىلدە رەسمىي ھالدا كومپىيۇتېر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغىنى 5.25 ديۇملىق يۇمشاق دېسكا بولدى.

    مور قانۇنىيىتىگە ئاساسەن 5.25 ديۇملىق يۇمشاق دېسكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ باھاسىمۇ توختىماستىن تۆۋەنلىدى، يەنە بىر جەھەتتىن سېستىمىنىڭ دېسكىنىڭ سىغىمىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئۆرلىدى، شۇ سەۋەبلىك قوش دېسكا سەپلەش ئۇسۇلىمۇ ئومۇملاشتى A ۋە B دېسكا بەلگىسى يۇمشاق دېسكىغا بېرىلدى. ھەمدە بۇ ئىككىسى ئوخشاشلا 5.25 ديۇملىق دېسكا ئىدى.

   1982-يىلى مىكروسوفت دېسكا مۇلازىمىتى ھەيئەتلىكى 3.5 دىيۇملىق يۇمشاق دېتال ساھە ئۆلچىمىنى يولغا قويدى، 3.5 ديۇملىق يۇمشاق دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى سىغىمى 5.25 ديۇملىق دېسكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ، ھەجىمى تېخىمۇ كىچىك ئىدى. 3.5 ديۇملىق دېسكىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ قوش دېسكا 5.25 ديۇم ۋە 3.5 ديۇمغا ئۆزگەردى.

    قاتتىق دېسكىنىڭ تەرەققى قىلىش بىلەن باھاسى تۆۋەنلەپ تەدرىجىي مىكرو كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسلىق ساقلاش ۋاستىسىگە ئايلاندى.

    ئالدىنقى ئىككى دېسكا بەلگىسى ئىشلىتىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، MS-DOS 5.0 دىن باشلاپ سېستىما مەجبۇرىي ھالدا قاتتىق دېسكىدىكى ئاساسىي رايونغا C دېسكا بەلگىسى تەقسىم قىلغان، Windows بارلىققا كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ  ئوپتىكىلىق دېسكا، بارماق دېسكا، SD كارتا ۋە يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكا قاتارلىق بارلىق يېڭى دېسكىلارغا D ۋە كېيىنكى دېسكا بەلگىسى تەقسىم قىلىندى.

   21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئوپتىكىلىق دېسكا، بارماق دېسكا قاتارلىق ساقلىغۇچلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن يۇمشاق دېسكا شاللىنىپ تاشلاندى.

    2007–يىلى 2-ئايدا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كومپىيۇتېر پارچە سېتىش دۇكىنى PCWorld يۇمشاق دېسكا ۋە يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچنى سېتىشنى توختاتتى.

2010-يىلى 4-ئايدا 1981-يىلى ئەڭ ئاۋال 3.5 دىيۇملىق يۇمشاق دېسكىنى ئىشلەپچىقارغان ۋە %70 بازارنى ئىگىلىگەن ياپونىيە سونىي شىركىتى 2011-يىلى 3- ئايدا يۇمشاق دېسكا ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

گەرچە بۇنداق بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بېكىتىلگەن دېسكىغا نام بېرىش قانۇنىيىتى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ A ۋە B دېسكا تارىخىي نام بولۇپ قېلىش بىلەن بىرگە C دېسكا Windows كومپىيۇتېرلىرىنىڭ تۇنجى دېسكا رايونىغا ئايلاندى.



خەتكۈچلەر:
15-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
19-04-2016
شىنخۇا تورى 19- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئېلىئونېز ھادىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىدىن پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قانالدىن ئۆتىدىغان كېمىلەرنىڭ سۇغا چۆكۈش چوڭقۇرلىقىغا چەك ق...
19-04-2016
يەر شارى تورى 19- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابدۇسالام تەرجىمىسى ۋېيتنام ياشلار گېزىتىنىڭ 19- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېيتنام خۇجىمىڭ شەھەرلىك ساقچى دائىلىرى 18 –ئاپرېل بەش نەپەر تەيۋەنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپ...
19-04-2016
دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا «كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسال پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، چولپانلار پەرزەنتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە كۆڭۈل...
19-04-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئالدىنقى كۈنى بېنزىمانىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى جاكارلىغان، بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل يازدا فرانسىيەگە ۋاكالىتەن ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدى...
19-04-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 19- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يۇكىيو ئامانو ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تار...
19-04-2016
TechWebتور بېتىنىڭ 19-ئاپرېل خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: خېيى گۇرۇھى (يوۋكۇ-تۇدوۋ) ئامېرىكا كرېمنىي جىلغىسىدىكى تور مائارىپ سۇپىسى بىلەن Udacityھەمكارلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، Udacityبىرلا ۋاقىتتا جۇڭگوچە ماركىدىكى «Udaشەھىرى» (优达...
19-04-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى : 2016-يىلى 19-ئاپرېل خەۋىرى، داڭلىق سودا تورى eBay دا بىر يۈرۈش ئافرىقىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار باش تېما قىلىنغان داچىنىڭ سېتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ داچىغا 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھا بېكىتىلگەن...
19-04-2016
يەر شارى تورى 19- ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن:ئابدۇسالام تەرجىمىسى تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 18- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بوستون مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى پارتلىتىش ۋەقەسىدە سول پ...
19-04-2016
 ئامېرىكا مىچىگان شىتاتىدىكى قىز دەيسى ۋاشىنگتون گىروس ئالما ۋە نايىكنى ئەرز قىلىپ، ئىككى شىركەتنى «سېنزورلۇق سىفىرلىق تەنھەرىكەت ئايىقى» نىڭ ئىجادىيىتىنى ئوغىرلىۋالدى، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلاردىن 5 مىليارد دوللار (تەخمىنەن 32.5 مىليارد ...
19-04-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 19-ئاپرېل خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى تەيۋەن مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى نوپۇس ئەڭ كۆپ شەھەر دۇبەيدە، بىر تىلەمچىنىڭ ئايلىق كىرىمى 270 مىڭ دەرھەمگە يېتىدىغا...
Powered by Leglek