ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمايدىغانلار روھىي ھالىتىنى ياخشى تەڭشىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن ئاۋۋال «كىنو كۆرمەسلىك» كېرەك. بەزىلەر ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر كۈندە بولغان ئىشلارنى ئويلاپ، ھەممە ئىشلارنى خۇددى كىنو كۆرگەندەك كاللىسىدىن بىر قېتىم ئۆتكۈزىدۇ، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلاپ تىت–تىت بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھىي بېسىمى ئېشىپ ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ.
ياتاقخانا خاس ياتاقخانا بولۇش كېرەك. ياتاقخانىنىڭ رولى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۇخلاش ئورنى ئىكەنلىكى مۇجمەل بولۇپ قېلىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى روھىي ھالەتكە تەسىر يېتىدۇ.
خامۇشلۇقنى داۋالاپ ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش كېرەك. خامۇشلۇق ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇنى ياخشى داۋالىغاندىلا، ئۇيقۇسىزلىقنى تەلتۆكۈس تۈگەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىشقا بولىدۇ:
ئوڭچە يېتىش، دىققىتىنى ئوڭ قولغا يىغىش، ئوڭ مۇشتىنى بەش سېكۇنتقىچە چىڭ تۈگۈپ قويۇپ بېرىپ، مۇسكۇللارنى بوشىتىش ؛ بۇ ھەرىكەتنى سول قولدا تەكرار بىر قېتىم ئىشلەش ، ئارقىدىنلا ئوخشاش ئۇسۇلدا بىلەك ، يۈز، بويۇن، مۇرە، قورساق، كاسا، پاچاق، تاپان قىسىمدىكى مۇسكۇللارنى تەكرار مەشىق قىلىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved