شىنخۇا تورى 14- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئەزەربەيجان دۆلەتلىك چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 13- مارت دەلىللىشىچە، ئەزەربەيجان چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى شۇ كۈنى ئەزەربەيجان-ئىران چېگرىسى ئەتراپىدا چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولغان بەش قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
ئەزەربەيجان چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 13- مارت سەھەردە بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇر ئەزەربەيجان-ئىران چېگرا لىنىيەسىدىن قانۇنسىز بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەزەربەيجاننىڭ يادمولى رايونىغا قاراشلىق داشكەندى كەنتىگە سۇقۇنۇپ كىرمەكچى بولدى. ئەزەربەيجان چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى ئۇلارغا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغانلىقتىن، ئاخىرى بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئوق چىقاردى، قوراللىق ئۇنسۇرلارمۇ ساقچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقاردى. ئېتىشىشتا چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولغان بەش نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئىككى قوراللىق ئۇنسۇر قولغا ئېلىندى.
باياناتتا دەللىلىنىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتكەن قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىچىدە بېنگال پۇقراسىمۇ بارلىقى ئېنىقلانغان.
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
![]() |
2-ماي ۋۇخەننىڭ خەنكۇدا بىر يىگىت كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىتنى مېنىپ كېلىنچەكنى كۆچۈرگەن، كېلىن كۆچۈرۈش ئەترىتى 21 ۋېلىسىپىت مىنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يولدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved