سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2016-يىلى 13-مارت جەنۇبى ئافرىقا 23 ياشلىق يېنىك ئاتلېتكا ماھىرى ۋان نېسكېر قىسقا ئارلىققا يۈگۈرۈشتە يېڭى دۇنيا رىكورتى ياراتتى. ۋان نېسكېر 13-مارت جەنۇبى ئافرىقا (Bloemfontein)دا ئۆتكۈزۈلگەن دېموگىراتىك شىتات لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىىسى ئەرلەرنىڭ 100 لىق يۈگۈرۈش تۈرىدە 9 سىكۇنت 96 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئەرلەر 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش رىكورتىنى يېڭىلىغان. شۇنداق بولغاندا بۇ ماھىرنىڭ 100 مېتىر، 200 مېتىر ۋە 400 مېتىرغا يۈگۈرۈشىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە دائىرسىگە كىرىپ بولغان.
ۋان نېسكېر 1992-يىلى 15-ئىيۇل تۇغۇلغان بولۇپ 2015- يىلى 26-ئاۋغۇست بېيجىڭ يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چىمپىيون بولغان 29 ياشلىق ئامېرىكا ماھىرى (LaShawn MERRITT) نى 43 سىكۇنت 48 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ چېمپىيون بولغان. ۋان نېسكېرنىڭ بۇ نەتىجىسى 2015-يىلىدىكى 400 مېتىرلىق يۈگۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇپ قالغان، تارىختىن بۇيانقى 400 مېتىرلىق يۈگۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدە 4-ئورۇندا تۇردۇ.
ۋان نېسكېر 2015-يىلى ئىيۇل خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى شىۋېتسارىيە لوزاندا ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىدە 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە 19 سىكۇنت 94 دەقىقىلىق نەتىجىسى بىلەن جەنۇبى ئافرىقا رېكورتىنى يېڭىلىغان، تىلغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ۋان نېسكېرنىڭ 300 مېتىرغا يۈگۈرۈش نەتىجىسمۇ 31 سىكۇنت 63 دەقىقە بولۇپ بۇ تۈردە مۇشۇ نەتىجىسى بىلەن ئافرىقا رىكورتىنى ياراتقان.
13-مارت جەنۇبىي ئافرىقا (Bloemfontein)دە ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك شىتات لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىىسىدە ۋان نېسكېر كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتقان. ئۇ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە 9 سىكۇنت 96 دەقىقىلىق نەتىجىسى بىلەن قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تۈرىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باسقۇچنى تاماملىغان، ئۇنىڭ بۇرۇنقى نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا 100 مېتىرنى 10 سىكۇنت ئىچىدە، 200 مېتىرنى 20 سىكۇنت ئىچىدە، 400 مېتىرنى 44 سىكۇنت ئىچىدە يۈگۈرۈپ بولغان تۇنجى ماھىرغا ئايلانغان.
ۋان نېسكېرنىڭ ئاسالىق مۇسابىقە تۈرى 400 مېتىر بولۇپ، 100 مېتىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن تۈر ھىسابلىندۇ، ئىلگىرى ئۇنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 10 سىكۇنت 48 دەقىقە بولۇپ، بۇ نەتىجىسىنىمۇ مۇشۇ مەيداندا ياراتقان. 13-مارتتىكى تەييارلىق مۇسابىقىدە 1.9 مېتىر / سىكۇنتلۇق شامالغا قارشى يۆنىلىشتە يۈگۈرۈپ 10 سىكۇنت 12 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە ئوڭۇشلۇق كىرگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ۋان نېسكېرنىڭ تەلىيى كېلىپ 1.5 مېتىر ھەر سىكۇنتلۇق سۈرئەتتىكى شامال يۆنىلشىدە يۈگۈرۈپ 10 سىكۇنتلۇق ئۆتكەلنى بۇزۇپ 9 سىكۇنت 96 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن جەنۇبى ئافرىقا 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى ياراتقان.
گەرچە بۈگۈنكە يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدە قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش شاھى بولت 100 مېتىر ۋە 200 مېتىرغا يۈگۈرۈشنىڭ دۇنيا رىكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بولتنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە، يەنى 45 سىكۇنت 28 دەقىقە بولۇپ، ۋان نېسكېرغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن بىر سىكۇنتتەك پەرق بار. ۋان نېسكېر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك مۇسابىقىسدە يەنىلا 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنى ئاساسىي تۈر قىلىپ تىزىملىتىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەمەن بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلكۈن ئاپىتى كېلىپ چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved