شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شېركىتى
«مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش» تېمىسىدا لىكسىيە ئورۇنلاشتۇردى.
لېكسىيە مەزمۇنى :
مەبلەغ سېلىشنىڭ لايىھىسىنى ئىلمى ئۇسۇلدا چىقىرىش، تېخنىكىلىق باھالاش، كەسپى باھالاش، ساھالەر بۇيىچە باھالاش ئۇسۇللىرىنى ئانالىز قىلىش، سوبىكتىپ ھېسياتقا تايىنىپ خاتا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىنكاسچان ئىجرا قىلىش گورۇپپىسى تەشكىللەپ، مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ ۋاقتىدا ئىجرا قىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. لېكسىيە جەريانىدا ئەمەلىي مەشىق گورۇپپىلىرى تەشكىللىنىپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرى نەق مەيداندا ئانالىز قىلىنىدۇ.
لېكسىيە ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى
لېكسىيە ھەققى: 960 يۈەن.
تىزىملىتىش تېلفۇن نومۇرى: 8559632ـ0991 13899898941
لېكسىيە سۆزلىگۈچى :
شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەسلىھەتچىلىك مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسىدىن :
مۇھەممەد ياسىن مۇئەللىم
شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 2010-يىلى ئەنگىلىيە بېرمىڭھام ئونۋېرسىتىتىدا سودا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. خەلقئاراغا داڭلىق Deloitte كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 2011-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانچىلارنى تەربىيلەش مەركەزلىرىدە تەكلىپ بىلەن دەرس بەرگەن ۋە كۆپلىگەن كارخانا، زاۋۇتلاردا ئېكىسكۇرسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئېرلاندىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ نوتۇق سۆزلىگەن. 2013-يىلى فېلىپىننىڭ پايتەختى مانېلادا ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك دۇنيا تەرەققىيات يىغىنىدا ياقلىغان ماقالىسى خەلقئارالىق 1-دەرىجىلىك (ئالتۇن مېدال) مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئالدىنقى قېتىم ئويۇشتۇرۇلغان كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ستراتېگىيىلىك ئاساسىنى تۇرغۇزۇش تېمىسىدىكى لېكسىيەدىن كۆرۈنۈشلەر :
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved