جۇڭگو خەۋەر مەركىزى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ،گازارىيەنىڭ سىمفېروپولدا ،گازارىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامىنېت يىغىنى، گازارىيە ئاساسىي قانۇنى ماقۇللىدى .شۇ كۈنى يىغىن مەيدانى خوشاللىققا چۆمدى. ئاساسىي قانۇن 10باب ،95 ماددىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ،ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنى روسىيە ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن .گازارىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇقى خەلقتىن كەلگەن ، ئۇلار ئاساسلىقى روسىيە مىللەتلىرى خەلقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ .
ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ،گازارىيە خەلقىنىڭ ھوقۇقى ئەركىن بېلەت تاشلاش ۋە سايلامدا ئىپادىلىنىدۇ ،گازارىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولسا زۇڭتۇڭ بۇلۇپ ،زۇڭتۇڭى گازارىيە ھۆكۈمىتى دائىمىي كومىتېتى سايلاپ چىقىدۇ ،زۇڭتۇڭنىڭ خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى 5 يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ ،ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيدۇ .ھەر نۆۋەتتىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئوخشاشلا بەش يىل بولىدۇ . گازرىيەنىڭ ئاساسلىق تىلى روس تىلى،ئۇكرائىن تىلى ۋە تاتار تىلى بولىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى ــــــــ LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved