2016-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۇيجۇ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى مېيتەن ناھىيىسى شىيەنگۇ تېغى بازىرى، يۈز يۈرۈشتىن ئارتۇق ئاق تاملىق قارا كاھىشلىق داچىلار بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. لېكىن بۇ داچىلارنىڭ ھەممىسى تەلتۆكۈس پۈتمەيلا تاشلىنىپ قالغانىدى. بەزى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، شىيەنگۇ تېغى بازىرى داچىلىرىنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى نۇرغۇنلىغان يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالغان تۈرلەرگە ئوخشاشلا خوجايىننىڭ مەبلىغى يېتىشمىگەنلىكتىن بولغان. «ماتېرىيال سېتىۋالىدىغان پۇل يوق، شۇڭا قۇرۇلۇش مۇشۇنداق يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالغان. ھەتتا ھازىرغىچە، بەزى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىىنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن».
بۇ يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالغان داچىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئىشىك-دېزىرىلىرىنىڭ ئورنى بار بولغان بىلەن ئىشىك-دېرىزە تاقالمىغانكەن. شوخ بالىلار بۇ يەرگە كىرىپ-چىقىپ ئويناپ يۈرگەن. گەرچە داچىلارنىڭ ئىچىدە توخۇ، ئۆردەك باقىدىغان ئادەملەر بولمىسۇ، لېكىن بوران ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆي ئىچى تام دىۋارى نەمدىشىپ كەتكەن. بالىلار بۇ جايدا خالىغانچە تەرەت قىلىپ مۇھىتنىمۇ بۇلغىۋەتكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ داچىلارغا «مېيتەن شىيەنگۇ تېغى كۈتۈنۈش ئارامگاھى» دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، گۇيجۇ لەنشېڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى شىيەنگۇ تېغى ساياھەت ئېچىش چەكلىك شىركىتى ئاچقان تۈر ئىكەن. رەسىمدە، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان داچىلار.
بىر داچىدا ئىش ھەققىنى تارقىتىشنى ساقلاپ تۇرغان ئىشچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاچقۇچى شىركەت خوجايىنى كۇاڭ دوڭچۇ ئۇلارنىڭ خۇنەن شاۋياڭدىن بولغان يۇرتدىشى ئىكەن. ئۇ شىياڭشى ئوبلاستى باۋچىڭ سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە جىشۇ شەھرىنىڭ سىياسىي كېڭەش دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىكەن. ھازىرغىچە، يەنە بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بېزەش ھەققىنى ئالالمىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالالىسا قايتىپ ئۆيىدە چاغان ئۆتكۈزىدىكەن.
بۇ تاشلىنىپ قالغان داچىلاردىن باشقا ئاچقۇچى شىركەتنىڭ مۇشۇ ئەتراپتا يەنە بىر يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىسى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ سودىسىمۇ ياخشى بولمىغاچقا، تەكلىپ قىلىنغان ئاشپەزلەرمۇ بىر-بىرلەپ كېتىپ قالغان. كۇاڭ دوڭچۇ تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن ئۇياقنى چېقىپ بۇياقنى تولۇقلىماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان قەرزگە بوغۇلغان. نۇرغۇنلىغان قەرز ئىگىلىرى قەرز سۈيلەپ بارغان بولسىمۇ، قۇرۇق قول قايتىپ كەتكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved