يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان ۋەقە يۈز بىرىشتىن ئون كۈن بۇرۇن، يەنى 2- ئاينىڭ 23-كۈنى رېمۇنىت قىلىنغان، شۇ ۋاقىتتا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن. كېيىنكى قېتىملىق رېمۇنىت قىلىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنىگە بېكىتىلگەن.
مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تېخى بايىلا ئورگان تور بېكىتىدە خەۋەر ئورىگىنالى ئېلان قىلغان. ئورىگىنالدا مۇنداق دېيىلگەن. MH370 قېتىملىق ئۇچۇشقا ئىشلەتكەن B777-200 تىپلىق ئايروپىلان 8- چېسلا ئۇچۇشتىن 10 كۈن بۇرۇن رېمۇنىت قىلىنغان.رېمۇنىت قىلىش شۇ كۈنى كۇئالالامپۇر خەلقئارالىق ئايردرومدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما شۇ چاغدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن.
بۇ ئايروپىلان 2002 - يىلى مالايسىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 53465.21سائەت ئۇچۇش ھەم جەمئىي 7525 قېتىم قاتناش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.
مالايسىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بارلىق ئايروپىلانىغا سانلىق مەلۇماتنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان سېستىما ئورنىتىلغان. يەنى ئايروپىلان ئالاقە مەلۇم قىلىش سىستىمىسى ( Aircraft Communications Addressing and Reporting System ، قىسقارتىپ ACARS دەپ ئاتىلىدۇ.) بۇ بىر ئاپتوماتىك ھەم توختىماستىن بارلىق ئۇچۇرنى مەلۇم قىلىدىغان سېستىما.
لېكىن، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى :« بىز ھېچقانداق قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش سىگنالى تاپشۇرۋالمىدۇق، ھەم ھېچقانداق بۇ ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تاپشۇرۋالمىدۇق.» دېگەن.
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved