شىنخۇا تورى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى موسكىۋ تىلگىراممىسى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 31 – چىسلا ئوكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دۆلەتلەر ئارا ھوقۇق مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئوكرائىنا ھۆكۈمىتى خەلق قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈگەن.
خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىغاندا، ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا جىددى ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسسۇلدا سۆھبەتلىشىشى ،ئوكرائىنا شەرقىي قىسىمنىڭ سىياسىي تەشكىلى ۋە دۆلەت ئورۇن مەسىلىلىرىنى جىددى ئويلىشىپ، شەرقىي قىسمىدا ياشاۋاتقان خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ ھوقۇقىنى قوغداش كېرەكلىكى ھەققىدە توختالغان.
پۇتىن يەنە ئوكرائىنا شەرقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر چوقۇم تىزلىكتە توختىتىلىشى، شۇنداقلا ئاساسىي ئۇل مۇئەسسەلەرنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
روسىيە زوڭتۇڭ ئاخبارات كاتىپى پەيسكېفنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، پۇتىننىڭ پوزىتسىيىسىنى "ئوكرائىنا شەرقى قىسىمىغا دۆلەتلىك ھوقۇقى بېرىش" دەپ چۈشىنىشنىڭ خاتا ئىكەن، پۇتىننىڭ مەقسىتى پەقەت ئوكرائىنانىڭ ئىچكىي ئىشلىرىدا كەڭچىلىك بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يول قويۇش ئاساسىدىكى تۈرلۈك ئۇسسۇللار بىلەن ھۆكۈمەت ۋە شەرقىي قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن. شۇنداقلا بۇ پەقەت ئوكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشى ھېسابلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved