[ئەنگىلىيە «كۈندىلىك گېزىتى» خەۋىرى] كۈنىگە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى راكى قوزغىلىش خەۋپىنى يېرىم ھەسسە ئازايتقىلى بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلار: راكقا قارشى دورا تاموكسىيفىننى كۈندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى راكى قوزغىلىش خەۋپىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىقىلى بولىدۇ، دېدى.
تاموكسىيفىن راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئانىلىق ھورمۇننى توسۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدىكەن ياكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى توسىدىكەن.
ئەنگىلىيە ۋە شىۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچىلار شىۋېتسىيەنىڭ لوند ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان 1090 بىمار ئۈستىدە ئېلىوپ بارغاب تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاموكسىيفىننى ئىككى ئىستاكان قەھۋە بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تاموكسىيفىن ئارقىلىق داۋالانغان ئاياللار ئارىسىدا قەھۋە ئاز ئىچىدىغان ياكى پۈتۈنلەي ئىچمەيدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، كۈندە ئاز دېگەندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا سۈت بېزى راكى قوزغىلىش خەۋپى يېرىم ھەسسە ئاز بولىدىكەن.
بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان لوند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى روسېندال: تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كۈنىگە ئاز دېگەندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆسمىسى تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، دېدى.
تەتقىقاتتا يەنە سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئىسسىق قەھۋە تەركىبىدىكى كوفېئېن ۋە قەھۋە كىسلاتاسى ئارىسىدا خىمىيەلىك رىياكسىيە يۈز بېرىدىغانلىقى بايقالغان.
كوفېئېن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىشنى چەكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان ئۆلتۈرەلەيدىغان بولۇپ، تاموكسىيفىن بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئان روسېندال: بۇ كوفېئېننىڭ سۈت بېزى راك ھۈجەيرىلىرى پەيدا بولۇشنى چەكلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېدى.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved