ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسى، جۇڭگو يىپەك مۇزېيخانىسى ۋە دۆلەت كۇتۇپخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگونىڭ خاتىرە تۈرى كۆرگەزمىسى يىپەك خاتىرىسى <جۇڭگو يىپەك توقۇمىچىلىق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى>›› 2013 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 2014 – يىلى 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنىگىچە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەت دەرىجىلىك ‹‹ئەتلەس توقۇش، بوياش ھۈنەر – سەنئىتى›› بويىچە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى تەكلىپ بىلەن ئۈسكۈنىلەر ۋە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، بېيجىڭدا كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قاتناشقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق دۆلەت كۇتۇپخانىسى ئەسلىمە تۈرى ‹‹يىپەك توقۇش›› مەخسۇس بايلىق ئامبىرى قۇرىدىكەن. بۇ بايلىق ئامبىرى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى يىپەك توقۇش تۈرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ۋارىسى، ۋەكىللىك ئەسىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىپەك توقۇش، بوياش ۋە كەشتىچىلىك ھۈنەر – سەنئىتى بىلەن غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدىكەن. بۇ بايلىق ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاممىغا يۈزلەنگەن، يىپەك توقۇمىچىلىق ھۈنەر – سەنئىتى تەشۋىق قىلىنىدىغان، يىپەك توقۇمىچىلىقىدىكى جەۋھەر بۇيۇملارغا ۋارىسلىق قىلىش كۆزنىكى بولۇپ قالىدىكەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved