يۈننەن پۇئېردىكى بەي تو بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ بىر كۆزئەينەكلىك يىلان بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا باشلىغان ، يىلان بىلەن ئۇچراشقان كۈنىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ يىلاندىن قورقمايدىغانلىقىنى ، يىلاننى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان . شۇنداق قىلىپ ئۇ يىلان بىلەن 10 يىلدەك بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن . بەي تو ھازىر يۈننەن ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ ، ھەر قېتىم ئورمان ساقچىلىرى يىلان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئېلىپ – سېتىش دېلولىرىدىكى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ياۋايى ھايۋانلارنى باغچىغا ئېلىپ بارىدىكەن ، لېكىن باغچىنىڭ ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار سارىيىنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق بولمىغانلىقتىن ، ئېلىپ كېلىنگەن يىلانلارنى ئۇ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ باقىدىكەن ، باغچىنىڭ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن باغچىغا ئاپىرىۋېتىدىكەن . نۆۋەتتە بەي تونىڭ ئۆيىدە 25 تالدىن ئارتۇق يىلان بار ئىكەن . ئۇ ھەر كۈنى ئۆيىگە قايتقاندا بۇ يىلانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن ، كېسەل بولۇپ قالغان يىلانلارنى داۋالايدىكەن، بەزىدە بىر ئاز ‹‹يۇۋاش ›› بوغما يىلانلار بىلەن بىرگە ئوينايدىكەن ، بەزىدە كىرىسلودا بوغما يىلاننى ياستۇق قىلىپ ئۇخلايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved