دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئاۋغۇست ئۇلانباتۇردا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، ئېلبەگ دورجى دۆلەت ئوردىسىنىڭ ئالدىدا شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئاۋغۇست ئۇلانباتۇردا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق خۇلاسىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكلارلىقنى پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم، ئورتاق تونۇشلارنى ھاس قىلدى، يەنە جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئىناق دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ قوغدىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقىشنى قارار قىلدى.
سۆھبەتتە ئېلبەگ دورجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل موڭغۇلىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ بىزنىڭ قىممەتلىك مېھمىنىمىز، موڭغۇلىيە خەلقى بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن موڭغۇلىيە گېزىتلىرىدە ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم، مەن سىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقاراشلىرىڭىغا تامامەن قوشۇلىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدە جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ۋە بىر-بىرىگە مەسئۇل بولىدىغان ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلار، ياخشى دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ كەلدى. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى تاللىغان سىياسىي تۈزۈلمە ۋە تەرەققىيات يولىغا سەمىمىي ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان زور مەسىلىلەردە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، قەدىرلەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى››نى ئورتاق ئىمزالىدى ۋە ئېلان قىلدى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved