3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى چېڭجۇڭ رايونى خەلق كوچىسىدىكى نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان بىر دانە بېنىز ماركىلىق پىكاپ بىر نەچچە ماشىنىنى كەينى-كەينىدىن سوقۇۋەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن ساقچى ماشىنىسى نەق مەيداننى قورشاپ ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقارغان بولسىمۇ قىلچە كار قىلمىغان، بۇ نومۇر تاختىسىز بېنىز ماركىلىق پىكاپ ئەڭ ئاخىرىدا نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن مۇخبىر شىنىڭ شەھىرى خەلق كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر ساقچىسىنى ئۇچراتقان، بۇ ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا نومۇر تاختىسىز بېنىز ماركىلىق پىكاپ ھەيدىگەن شوپۇر ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىشىنى رەت قىلغان ھەم بىر نەچچە ماشىنىنى كەينى-كەينىدىن سوقۇۋىتىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە بۇ نومۇر تاختىسىز بېنىز ماركىلىق پىكاپنىڭ نەگە كەتكەنلىكى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved