3-ئاينىڭ 23-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجۇ شەھىرى داۋشىيەن ناھىيەسىدىكى شىياۋشۇي دەرياسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى بۆلىكىدە سۇ ئورنى تەدرىجىي ھالدا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي جۇڭگودىكى نۇرغۇن جايلاردا قارا يامغۇر ياغقان بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجۇ شەھىرىدىمۇ ئۇدا ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن دەريادىكى سۇ ئورنى جىددىي يۇقىرىلىغان ھەم 10 كۈن بۇرۇن كەلكۈن پەسلىگە قەدەم قويغان. داۋشىيەن ناھىيەسى قارا يامغۇرغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش 24 سائەتلىك دىجورنىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved