چەت ئەلدىكى زور بىر تۈركۈم جۇڭگولۇق ئالىملار جۇڭگوغا قايتىپ كەلدى

شى ۋېيجۇغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشتىن چۈشۈپ بىرتەرەپتىن ھاراق ئىچكەچ بىر تەرەپتىن مۇز توپ ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان تۇرمۇش خۇددى ھۆكۈمەت ئىشىدەك ناھايىتى تەسلىكتە ئۆتىدۇ؛ ۋىليام Su بىر ئىش ئورنىدا 4 يىل كۈرەش قىلدى، ئۆسۈش ئىستىقبالىدىن ئۈمىد يوقلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ؛ QJ Guo بولسا ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى ئويلىدى.   بۇ ئۈچ ئادەم ئايرىم بىر مىسال ئەمەس، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئامېرىكىغا كېلىپ، سودا كەسپىدە ئوقۇپ، خىزمەت قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە يوق بولغان مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان، ئەمما ھازىر ئۇلار يۆنىلىشنى بۇراپ پۈتۈنلەي قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئامېرىكىدىكى كارخانىلار مۇكاپاتلارنى زور دەرىجىدە كېمەيتىۋەتتى، خادىملارنى قىسقارتتى. ھالبۇكى جۇڭگودا كەسىپلەر پىشىپ يېتىلگەن، مائاش ئارقا-ئارقىدىن ئۆسۈۋاتقان نۆۋەتتىكى شارائىتتا، بىر قىسىم جۇڭگولۇقلار ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. گەرچە دۆلەت ئىچىدىكى پۇل-مۇئامىلىنىڭ تەۋرىنىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋاقىتتا ۋەتەنگە قايتىش ئازراق غەلىتىلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەتەنگە قايتىش دولقۇنىنىڭ ئارقىسىدا ئىككى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بار: بىرى ئاسىيالىق  خادىملارنىڭ ئامېرىكىدىكى مەنسىپى ئۆسكەن ۋاقىتتا ئۇچرايدىغان «بامبۇك تورۇس»؛ ئىككىنچىسى گەرچە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بانكا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر نىشان. 

ئامېرىكىدىكى ۋال كوچىسى«ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى ئىقتىساد ئاللىبۇرۇن تارىخقا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ ئەقىللىق تالانت ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياجى مىسلىسىز دەرىجىدە ئاشتى»، چاڭجىياڭ سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى پىروفېسسورى ساۋ خۇينىڭ شۇنداق دېدى:«نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىدا ئاددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن جۇڭگوغا قايتىپ تېخىمۇ ياخشى بولغان كەسپىي يول ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تاللىدى.»   خەنزۇ ئورتاق تىلىدا «چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلار»نى دېڭىز تاشپاقىسى دەپ ئاتايدۇ، چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ لەقىمى «دېڭىزتاشپاقىسى»، بۇمۇ ۋەتەنگە قايتىش دولقۇنىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىگەنلىكنى چۈشەندۈرىدۇ.

خەنزۇلار كوچىسىنىڭ مەنزىرىسىمەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق«دېڭىز تاشپاقىلىرى» نىڭ تۇنجى ۋەنگە قايتىش سەپىرى 2008-يىلىدىكى ۋال كوچىسى كىرىزىسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن غەرب ئەمەلىيىتىنى قوش يۆنىلىشلىك چۈشىنىش ئۇلارنى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چەت ئەلدە كېڭەيتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىشىغا سەۋەب بولغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈكۈم كىشىلەرنى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرىشكە جەلب قىلغان. ئەمما يېقىنقى مەزگىلدە كۆرۈلگەن ۋەتەنگە قايتىش دولقۇنى يۇقىرىقىغا ئوخشىمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەگىشپ، جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى رىقابەت كۈنسايىن كەسكىنلەشتى؛ خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆتكەن يىلىدىلا جۇڭگو بازىرىغا 37 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. بۇ مەبلەغلەر بىر تۈركۈم قىممىتى يۇقىرى شىركەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى، مەسىلەن: ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا شىياۋمى ۋە P2P مالىيە سۇپىسى Lu.com (رەسمىي ھالدا شاڭخەي لۇجىيازۈي خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مۈلۈك بازىرى پاي چەكلىك شىركىتى دەپ نام بېرىلگەن)

ئاخىرىغىچە ئېلىشىش خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خەلق پۇلىنى كۆپ خىل زاپاس ئوبوروت پۇلى قاتارىغا كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن خەلق پۇلى دوللار، ياۋرو، فوندستىرلىڭ ۋە ياپونىيە يىنىنىڭ قاتارىغا كىردى، جۇڭگو بانكىلىرىمۇ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆزلىرىنىڭ سودا سۇپىسىنى كۈچەيتتى. گەرچە ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن باشلاپ خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋود نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما  باركلاي 

بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا، IMF نىڭ بۇ ھەرىكىتى يەنىلا 2020-يىلىدىن بۇرۇن يەرشارى بازىرىدا 300 مىليارد دوللارلىق خەلق پۇلى ئېھتىياجىنى يارىتىدۇ، دەپ مۆلچەرلەندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن خەلق پۇلىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بوشاشتۇرۇپ، ئۆتكەن يىلى 500 مىليارد دوللارلىق تاشقى پېرېۋود زاپىسىنى خوراتتى. «جۇڭگودا پەقەت ئاسماننىڭلا چېكى بار» چەت ئەلدىكى كەييۈەن فوندىنىڭ سابىق ئىجرائىيە لىدېرى، 39 مىليارد خەلق پۇلى (تەخمىنەن 600 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى مۈلۈكنى باشقۇرىدىغان سۇ (Su) ئۆزىنىڭ كەسپىي  ھاياتى توغرىسىدا توختالغاندا شۇنداق دېدى:«ئامېرىكىدەك بۇنداق پىشىپ يېتىلگەن بازاردا پەقەت ساقلىغاندىلا ئاندىن پۇرسەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە بۇ جايغا كەلگەن.»

خەلق پۇلىنىڭ زاپاس ئوبوروت پۇلى قاتارىغا كىرىشى ھازىر 35 ياشقا كىرگەن سۇ بۇ فوندىنىڭ دىرېكتورىغا ئايلىنىش ئۈچۈن، نيۇيورك ئىشتاتىدىكى روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا سودا-سانائەت باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى ئاۋانگارتلار گوروھىدا 4 يىل تەھلىلچى بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئازراقمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەش بوشلۇقى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى،  شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئائىلىسىدىىلەرنى ئېلىپ شېنجېنغا كۆچۈپ كەلدى. 

ئامېرىكىچە ھەرىكەت

 بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن Guo ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەر-مۈلۈك مۇلازىمەت كارخانىسى بولغان CBRE شىركىتىدە 2 يىل تەھلىلچى بولغان. نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاش، ئۇمۇ يالغۇز پەرزەنت، شۇڭا ئۇ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بولۇشنى ئويلىدى. ھازىر ئۇ شاڭخەيدىكى بىر دۆلەتلىك سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ. گوگېل ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق ئىنتېرنېت تورى 

شىركىتى«چۈنكى سىز بۇ خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاپ باقمىغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ چەمبىرىكىگە كىرمىكىڭىز ناھايىتى تەس» ئەمدىلا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت كوپېراتىپى شېچېڭ تورىغا كىرگەن، 40 ياشلىق Zhou ئۆزىنىڭ مۇز توپ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا شۇنداق دېدى:«يەنە قانچىلىك جۇڭگولۇق مۇز توپ ئوينىيالايدۇ؟» Zhou ئىلگىرى نيۇيوركتىكى مەنناپىر ۋە كالفورنىيەدىكى يېشىل كوچا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ پاي چېكى تەھلىلچىسى بولغان، جەنۇبىي كالفورنىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى مارشال سودا ئىنستىتۇتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە. ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %6 تىنى ئىگىلەيدىغان ئامېرىكىدىكى ئاسىيالىق مۇھاجىرلار بايلىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 500 كۈچلۈك كارخانىدىكى يۇقىرى قاتلام  باشقۇرغۇچىلار سانىنىڭ ئاران %2.6 تىنى ئىگىلەيدۇ؛ 

شوپۇر ۋە تولۇقلىما بۇنىڭغا ماس بولغىنى، يېڭىدىن گۈللەنگەن جۇڭگو بازىرىدىكى كىشىنى جەلب قىلىدىغان خىزمەت پۇرسىتى. «ئەگەر سىز بازاردىكى داڭلىق ئىقتىساس ئىگىسى بولسىڭىز، بىز سىزنى تەرجىمان، شوپۇر ۋە تۇرالغۇ ئۆي تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلەيمىز.» ئامانلىق ئاكسىيەسى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جۇ يىيۇڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ئامانلىق ئاكسىيەسىنىڭ بۇ يىل چەت ئەلدىن خادىم تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق 30 خىزمەت ئورنىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە، چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ناھايىتى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ ياشانغان ئاتا-ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشمۇ بىر چوڭ بېسىم ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى يازدىكى جۇڭگو پاي چېكى بازىرىدىكى يىمىرىلىشتە 5 تىرىليون دوللارلىق بايلىق پارلىنىپ كەتتى، بۇ يىل يىل بېشىدا يەنە 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۈتۈۋالدى؛ جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە قارىتا بىرقاتار تۇتۇپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى  قانات يايدۇردى. بۇ ئەھۋالدا پۇرسەت ئىزدەشمۇ بىر مۇشكۈل ئىش ھېسابلىنىدۇ. 

ئۆتكەن يىلى يازدىكى جۇڭگو پاي چېكى بازىرىدىكى يىمىرىلىشتە 5 تىرىليون دوللارلىق بايلىق پارلىنىپ كەتتى .

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن بۇ كىشىلەر يەنە تەتۈر يۆنىلىشتىكى مەدەنىيەتنى باشتىن كەچۈرىدۇ. «مەن ئامېرىكىدىكى ھەممە ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدىم» Su جۇڭگودىكى سۆھبەتتە ۋاقىت دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ دائىم يىغىنغا كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۆتكەن بىر يىلدا شېنجېندىكى ئۆي باھاسىنىڭ %50 ئۆسۈپ، تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. 



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek