مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ (OPEC) ۋېنا يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتماسلىق سادالىرى ئىچىدە» ئاياغلاشتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىزچىل مەھسۇلات مىقدارىنى ساقلاپ قېلىش ھەتتا مەھسۇلات مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق روسىيە قاتارلىق نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا (OPEC) ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنى نېفىت مەھسۇلاتىنى ئازايتىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان. بۇنداق بولغاندا سەئۇدى ئەرەبىستانى تېخىمۇ كۆپ بازارغا ئېرىشەلەيدۇ. بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇ تاكتىكىسى ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى. 11-ئايلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى چۈشمەيلا قالماستىن ئەكسىچە داۋاملىق ئۆسۈپ، تارىختىكى يېڭى رېكورتنى ياراتقان.
FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورىنىڭ 23-چېسلا رېيىتىر ئاگېنتلىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئايدا روسىيە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت خام نېفىت ئىكىسپورت دۆلىتى بولۇپ قالغان. بۇمۇ بۇ يىل ئىچىدە روسىيەنىڭ ئۈچىنچى قېتىم مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىنى «مەغلۇب» قىلىشى بولۇپ قالدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 11-ئايدا ھەر كۈنى رۇسىيەدىن 949925 تۇڭ خام نېفىت سېتىۋالغان، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن بولسا ھەركۈنى 886950 تۇڭ خام نېفىت سېتىۋالغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىزچىل مەھسۇلات مىقدارىنى ساقلاپ قېلىش ھەتتا مەھسۇلات مىقدارىنى كۆپەيتىش تەدبىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، روسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم مىقداردا ئاشتى. بىراق 2015-يىلىدىن بۇرۇن، روسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل تۆۋەنلەپ كەتكەن.
بازار تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تاكتىكىسى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان. ئۇلار ئەكسىچە مالىيە قىزىل رەقىمى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 كە يەتكەن». تەھلىلچىلەر يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : «روسىيە يەنىلا نېفىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرماقتا ھەمدە ھازىرقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتىدۇ. روسىيە ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى بىلەن خام نىفىت ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ». سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە روسىيەنىڭ يەر شارى نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۈلۈشىدىكى پەرقى كىچىكلىمەكتە، نۆۋەتتىكى پەرق 100 مىڭ تۇڭ / كۈنى بولىۋاتىدۇ. خۇاچى گۇروھى دۇنيادا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار تەتقىقاتچىسى ئېدۋارد.مورسى مۇنداق دېدى:«مېنىڭچە ھېچكىم روسىيە نېفىت مەھسۇلاتى مىقدارىنىڭ 2015-يىلى تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەگە يىتىشىنى ئويلاپ باقمىغان».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved