19-مارت مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كورلا تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى بالغۇنتاي تارماق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى قاتتىق شىۋىرغان سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغان 230 دىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر يۆتكەلگەن.
18-مارت سائەت 16:00 ئەتراپىدا دۆلەت يولى 218-لىنىيەسىنىڭ K475-K505 بۆلىكىدە تۇيۇقسىز قار يېغىپ، شامال چىقىپ، كېيىن قاتتىق قارغا ئايلىنىپ، يوللارغا قار يىغىلىپ كېتىپ، بۇ يەردىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللار قاپسىلىپ قالغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يەردە 200 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، قاتناش ساقچى تارماقلىرىمۇ دەرھال دۆلەت يولى 218-لىنىيەسىنىڭ خوشاڭ كۆۋرۈكىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناشنى قوش يۆنىلىشتە تىزگىنلىگەن. ھازىرغا قەدەر، قاپسىلىپ قالغانلار ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، بالغۇنتاي تاغلىق رايونىدا 8-ئايدىمۇ قار ياغىدىغان بولۇپ، يەرلىكتىكى تاشيول ئاسراش خادىملىرى دائىم كېچىلەردە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved