رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 9-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، بىر قىسىم رايونلاردا پەيدا بولغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنى ئۆزگەرتىش سۈيقەستىگە زەربە بېرىش كېرەك. راۋلوف شۇ كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئۇفا باشلىقلار يىغىنى رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: روسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇقەددەس كۈن، ھازىر بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئىنكار قىلىش، ناتسېستلارنى پەردازلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت سىسىتېمىسىغا قىلىنغان خىرىس. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ سەلبىي ئىدىيەدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved