لۇتۇ ئاگېنتلىقى (Reuters) تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەدىكى «يېڭى ئۇچۇر گېزىتى» (Yedioth Ahronoth) چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بۇ دۆلەتتىكى Cellebrite ناملىق بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) گە ياردەملىشىپ، كالىفورنىيەدە يۈز بەرگەن ئوق چىقىرىش دىلوسىغا چېتىشلىق گۇماندارنىڭ ئايفونىنى ئېچىپ بەرمەكچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.ھالبۇكى Cellebrite شىركىتى بۇ خەۋەرگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.ئامېرىكىدىكى بىر سوت ئەمەلدارى بۇندىن بۇرۇن، ئالما شىركىتىگە جىنايەت گۇماندارى ئىشلەتكەن ئايفوننىڭ مەخپىي نومۇر قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچكە ئىگە قىلالايدىغان يېڭى يۇمشاق دېتال تۈزۈپ چىقىش بۇيرۇقىنى بەرگەن، ئالما شىركىتى مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىر مەيدان ئەرز-شىكايەت جېڭىگە چۈشكەن.ئىككى تەرەپ ئەسلىدە سەيشەنبە كۈنى سوتقا چىقىشقا چاقىرتىلغان، بىراق، FBI نىڭ بىر ئەمەلدارى ھۆكۈمەتتىن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى كەينىگە كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، سەۋەبى ئۇلار بۇ ئايفوننىڭ مەخپىي نومۇرىنى يېشىدىغان «ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل» نى تاپقان ئىكەن.Cellebrite بولسا ياپونىيەدىكى Sun Corp شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، ئاساسلىقى كىرىمى ئىككى خىل كەسپتىن كېلىدىكەن، بىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار، ھەربىي ئىشلار تارمىقى ۋە ئاخبارات تارماقلىرى ئىشلىتىدىغان ئىسپات ئېلىش سىستېمىسى ئېچىش، بۇ سىستېما كۆچمە ئۈسكۈنە ئىچىدىكى يوشۇرۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىكەن؛ يەنە بىرسى بولسا كۆچمە مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved