سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى»نىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنىڭ ئاستىلىشى سەۋەبلىك بۇلتۇر لاتىن ئامېرىكىسىدا تەخمىنەن 7 مىليون نامرات نوپۇس كۆپەيگەن.
ب د ت نىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دېڭىزى رايونى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 22-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا تۇرىدىغان نوپۇس 2015-يىلى %29.2 ئېشىپ، 175 مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 7 مىليون ئادەم كۆپەيگەن. كومىتېت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى 75 مىليون ئادەم ئېغىر دەرىجىدىكى نامراتلار ئىكەن. 2014-يىلىدىكى نامرات نوپۇس بولسا %28.2 بولغان.فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2012-يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا بۇ رايوندىكى نامراتلىق نىسبىتى %15 تىن كۆپرەك تۆۋنلىگەن ئىكەن.ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى ئاساسلىقى نېفىت، قېزىلما بايلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved