كادىز مادرىدنى رەسمىي ئەرز قىلدى، شاھلىق لوڭقىسىدىن قوغلىنىشى مۇمكىن

        3-دېكابىر كەچ ئىسپانىيە كادىز كۇلۇبى رەقىبى خان مادرىدنىڭ ئەمدىلا ئاياقلاشقان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ توپچى چېرشېۋنى ئىشلىتىش ئىشىغا قارىتا رەسمىي ئەرز سۇندى.

      مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، چېرشېۋ مادرىد ئۈچۈن بۇ مەيدان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان. ئالدىنقى پەسىلدە، چېرشېۋ ئىلگىرى مادرىد تەرىپىدىن بىلىيالىيارغا ئىجارىگە بېرىلگەن، روسىيەلىك بىلىيالىيارغا ئەگىشىپ، بارسېلونا، خېتافىي ۋە خانلىق جەمىيەت بىلەن بولغان ئۈچ مەيدان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە سېرىق كارتا يىگەن. ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۈچ سېرىق كارتا يىگەن توپچى ئۆزلىكىدىن بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختايدۇ، ئەمما پەقەت شاھلىق لوڭقىسى قاتارىدىكى مۇسابىقىگىلا ماس كېلىدۇ.

     بۇ يىل يازدا، چېرشېۋ ئۆزىنىڭ ئىجارە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مادرىدقا رەسمىي قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق چەكلەش بۇيرۇقى مادرىدقا «پەرىشانلىق» ئېلىپ كەلدى. لىكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، مادرىد بۇ مەيدان كادىز بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى، بۇ ئىشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولۇپ، چېرشېۋنى مەيدانغا ئاساسلىق ئەزا قىلىپ چىقارغان. ئارىلىقتىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا، مادرىد تەرەپ بۇ خاتالىقنى ھېس قىلىپ، كوۋاچىچنى چېرشېۋنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغان، ئەمما ئېنىقلا پايدىسىز بولغانلىقتىن، يەنىلا روسىيەلىكنى مەيدانغا چىقارغان، ئۇ ھەتتا مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەن.

       كادىز كۇلۇبى ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مادرىد كۇلۇبى ۋە مادرىد مەستانىلىرىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىشنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئىشقا قارىتا ھېچقانداق باھا بەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادە بىلدۈردى.

ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى نىزامىنىڭ 76-ماددىسىدا، ناۋادا شاللاش باسقۇچىدا، كوماندىلار مۇسابىقىدە قائىگە خىلاپ توپچى ئىشلەتسە، ئۇنداقتا رەقىبى ئۆزلىكىدىن كېيىنكى ئايلانمىغا دەرىجە ئۆرلەيدۇ دەپ بېكىتىلگەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مادرىدنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ناۋادا راستىنلا بۇ پەسىللىك شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن مۇشۇنداقلا ھەيدەپ چىقىرىلسا، ئۇنداقتا مادرىدقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، زەربە بېرىش ۋە كىشىنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرۈش دەرىجىسى مۇتلەق مىسلىسىز بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek