لىخاسا شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مەركىزى دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، ئەڭ زامانىۋى تەنتەربىيە سارىيىدۇر. ئۇنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 387 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 69 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 735 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەركەز تەنتەربىيە مەيدانى، تەنتەربىيە سارىيى، قوتاز مۇزېيى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان. تەنتەربىيە مەيدانىغا 20 مىڭ ئادەم سىغىدىكەن، تەنتەربىيە سارىيىغا 4000 ئورۇندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە شىزاڭدا سېلىنغان ئىمارەتلەر ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved