2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋىرى: توردا ئاشكارىلىنىشىچە، بىر كىچىك قىزچاق ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق ماشىنىسنى ھەيدەپ بىر موماينى سوقۇۋەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە ئويۇنچۇق ماشىنا سوقۇۋەتكەن بۇ موماي ئورنىدىن قوپماي ئولتۇرۇۋالغان. بۇ ۋېدىئو توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بەزى تورداشلار <قارىغاندا بىشەملىك يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئوخشايدۇ> دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، يەنە بەزى تورداشلار <بۇ موماينى ئويۇنچۇق ماشىنا سوقۇپ يىقىتىۋەتكەندىن كېيىن بەلكىم ھەقىقەتەن ئازراق يارىلانغان بولۇشى مۇمكىن> دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ياشانغانلارنىڭ ئۇستىخىنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چۈرۈك بولغاچقا ناھايىتى ئاسانلا يارىلىنىدىكەن، ۋەقەنىڭ كونكىرت نەتىجىسى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارىلىنىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved