بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى-ئۇسامە بىن لادىن (3)
مەنبە: ۋىكىپېدىيە قامۇسى
سۇداندىكى ھاياتى:
ئۇسامە بىن لادىن سۇداندا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن يول ئىنشائات قۇرۇلۇشى ۋە يېزە ئىگىلىك ساھەلىرىگە يۈزلەنگەن، بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەبۇ ئۇبەيدە ۋە ئەبۇ ھافىز قاتارلىقلار سۇدانغا كېلىپ، سۇداندىكى ھەربي بازىلاردا غازاتچىلارنى ھەربىي مەشىقلەندۈرگەن. بىن لادىن سومالىي ۋە ئېرتىرىيەدىكى ئىسلامى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان، 1992-يىلى يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدىكى ئىككى مېھمانخانىغا سومالىيغا كەلمەكچى بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بار دەپ قارىلىپ ھۇجۇم قىلغان، سومالىيدىكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا بىن لادىن تەرىپىدىن بىر قانچە ھەربىي تەربيلەش بازىسى قۇرۇلغان. بىن لادىن 1994-يىلى سەئۇدى پادىشاھلىقىغا قارشى سۆزلىرى ۋە پوزىتسىيسى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىقىدىن چىقىرۋېتىلدى ۋە سەئۇدىدىكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. بىن لادىن 1996-يىلى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن سۇداندىن ئايرىلدى ۋە 1996-يىلى مايدا ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىگە ئورۇنلاشتى.
ئافغانىستانغا قايتىشى:
بىن لادىن 1997-يىلىغا قەدەر جالالئابادتا ياشىغان بولۇپ، 1996-يىلى 23-ئاۋغۇستتا ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «ئەل قۇدۇس ئەل ئەرەبى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ئامېرىكىنڭ دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتىغا قارشى «غازات» چاقىرىقى ئېلان قىلدى. ئافغانىستاندىكى موللا مۇھەممەد ئۆمەر رەھبەرلىكىدىكى تالىبان ھەرىكىتى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتكە چىقىپ «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بىن لادىن ئۆمەرنىڭ تەكلىپى بىلەن جالالئابادتىن قەنداھارغا يۆتكەلدى. 1998-يىلى 23-فېۋرالدا ئەيمەن زاۋاھىرى بىلەن بىرلىكتە «ئەل قۇددۇس ئەل ئەرەبىي» گېزىتىدە ئېلان قىلغان پەتىۋاسىدا « قۇددۇستىكى ئەقسا مەسجىدى بىلەن مەككىدىكى ھەرەم مەسجىدىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن شىمالى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆلتۈرۈش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى» دەپ ۋە خىرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى غازات چاقىرىقى ئېلان قىلدى. بۇ پەتىۋا بىر قانچە ئىسلامى شەخىسلەر تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى. 1998-يىلى 7-ئاۋغۇستتا ئەل قائىدە تەشكىلاتى ۋە مىسىر ئىسلام جىھادى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تانزانىيەنىڭ دارۇسسالام شەھىرى بىلەن كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بۇ ھۇجۇمدا 200 دىن كۆپ كىشى ئۆلدى، بۇ ۋەقەدىن بىر يىل ئۆتۈپ 1999-يىلى ئىيۇندا بىن لادىن ئامېرىكا فېدراتىسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئەڭ كۆپ ئىزدىلىۋاتقان 10 قاچقۇن» تىزىملىكىگە كىردى. 2000-يىلى 12-ئاۋغۇستتا يەمەننىڭ ئەدەن رايۇنىدا توختىتىلغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسىنىڭ USS Cole (DDG-67)ناملىق پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 17 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى.
11-سىنتەبىر ۋەقەسى:
2001-يىلى 11-سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ 4 دانە يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بۇلىنىپ ، ئىككىسى نىيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىغا سوقۇلدى، بىرى ئارلىڭتوندىكى بەش بۈرجەكلىك بىنا «بەنتاگون»غا سوقۇلدى، يەنە بىرى پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ئايرۇپىلاننى بۇلىغان 19 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2996 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 16-سىنتەبىردە ئېلان قىلىغان باياناتتا، بىن لادىن بۇ ھۇجۇمنى ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. بىن لادىن 2004-يىلى ئېلان قىلغان ۋىدىئودا تۇنجى قېتىم 11-سىنتەبىر ۋەقەسىگە مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بىن لادىننىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئەل قائىدە بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيتىنى يۇقىتىش ئۈچۈن «تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش» نامىدا ھەرىكەت باشلاندى. 2001-يىلى 7-ئۆكتەبىردا ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە ئەل قائىدە نىشانلىرى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى ، شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلاندى.
بىن لادىننىڭ 11-سىنتەبىردىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى:
11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بىن لادىن غايىب بولۇپ كۆرۈنمىدى، بۇ مەزگىلدە بىر قانچە ئاخبارات ئورۇنلىرى بىن لادىننىڭ ئەھۋالى ۋە ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى. ئەتىييە ئابدۇرراھماننىڭ2005-يىلى 11-دىكاربىردا ئەبۇ مۇسئەب زەرقاۋىغا يازغان خېتىدە، بىن لادىن ۋە ئەل قائىدە رەھبەرلىكىنىڭ پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان رايۇنىدا ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. كالفورنىيە ئۇنىۋېرستىتى باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 2009-يىلى فېۋرالدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، سۈنئىي ھەمراھ كۆۈنۈشلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە بىن لادىننىڭ پاكىستاننىڭ پاراچىنار شەھىرىدىكى ئۈچ نوقتىدا بولۇشى ئېھتىمال دەپ پەرەز قىلىنغان. 2009-يىلى مارتتا «دەيل نېۋس» تا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىن لادىننى ئىزدەش گۇرۇپپىسى چىرتال رايۇنىدا ئىزدەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، ۋە يازغۇچى روھان ۋە بازا تەشكىلاتى خادىملىرى قولغا ئېلىنغاندا بىن لادىننىڭ چىرتال رايۇنىدا يوشۇرنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، دېيىلگەن. 2009-يىلى دىكابىردا پاكىستاندا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەزاسى بىن لادىننىڭ 2009-يىلى ئافغانىستاندا بارلىقىنى ئېيتقان. پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈف رىزا جيلانى پاكىستاننىڭ تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ۋە بىن لادىننىڭ پاكىستاندا يۇشۇرنىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلغان. 2010-يىلى 7-ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان «ئەل سىياسە» گېزىتى، بىن لادىننىڭ 5 يىلدىن بۇيان ئىراننىڭ شەرقى شىمالىدىكى سەبزەۋەر شەھىرىدە يۇشۇرنىۋاتقانلىقىنى، بىن لادىننىڭ يەرلىك خەلق ۋە دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىر نەپەر پاكىستان ھۆكۈمىتى خادىمى بۇ قاراشنى رەت قىلغان. 2012-يىلى 29-مارتتا پاكىستاندىكى بىر گېزىتتە، بىن لادىننىڭ ھايات قالغان 3 ئايالى پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ نەتىجىدە 11-سىنتەبىر ۋەقەسى ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللارنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغان.
بىن لادىننىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەتلىرى:
گېرمانىيە مىللى ئاخبارات تەشكىلاتى ئاساسى قانۇن قوغداش ئىشخانىسى خادىملىرىدىن سىلۋان باكىر بىلەن ئايالى ۋىرا 1994-يىلى 10-مارتتا لىۋىيەدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ، لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ بىللە 3 كىشى ھەققىدە دۇنيا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» دىن تۇنجى قېتىم رەسمى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بىن لادىن ئۆلگەن كۈنىگە قەدەر لىۋىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ ئىزدەلمەكتە ئىدى. بىن لادىن ئامېرىكا قوشما شىتاتى تەرىپىدىن 1998-يىلى 8-ئىيۇندا «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مۇداپىئە سېستىملىرىغا قارشى تۇزاق قۇرۇش، ئەل قائىدە ناملىق تېرور تەشكىلاتىنى قۇرۇش ۋە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۆتەش ۋە دۇنيا مىقياسىدا رادىكال ئىسلامچىلارغا ئەڭ زور ئىقتىسادى مەبلەغ تەمىنلەش» جىنايىتى بىلەن ئەيبلەندى. كېنىيە ۋە تانزانىيەدىكى ئەلچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 1998-يىلى 4-نويابىردا نىيو يورك فېدراتسىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىن لادىنغا «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى سىرتىدىكى ئامېرىكىلىقلارنى ئۆلتۈرۈش، ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈش ۋە تۇزاق قۇرۇش» جىنايىتى بىلەن سوت ئېچىلغان. ئەمما تالىبان ھۆكۈمىتى يىتەرلىك دەلىل يوق دەپ قاراپ ۋە «مۇسۇلمان بىر شەخىسنى مۇسۇلمان بولمىغان بىر سوت مەھكىمىسىدە ئادىل سوتلانمايدۇ» دەپ قاراپ سەۋەب كۆرسىتىپ ئافغانىستان زېمىنىدا پاناھلىنىۋاتقان بىن لادىننى تاپشۇرۇپ بەرمىدى. 2001-يىلى 10-ئۆكتەبىردە 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىزدىلىۋاتقان 10 قاچقۇن تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن 2011-يىلى 15-ئىيۇندا بىن لادىن ھەققىدىكى بارلىق جىنايەتلەر رەسمى ھالدا بىكار قىلىندى.
بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى:
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى بىراك ئوبامانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى « CIA» تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئافغانىستاننىڭ قوللىشى ئاستىدا، بىن لادىننىڭ ئاببوتئابادتىكى ئۆيىگە ھۇجۇم قىلىنىپ نەتىجىدە بىن لادىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جىنازىسى 24 سائەت ئىچىدە ئوممان دېڭىزىغا دەپنە قىلىندى.
بىن لادىننىڭ شەخسى ھاياتى:
ئۇسامە بىن لادىن 1974-يىلى تۇنجى قېتىم سۇرىيەنىڭ لازكىيە شەھىرىدە تاغىسىنىڭ قىزى نەجۋە خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن، بىن لادىننىڭ نەجۋە خانىمدىن 11 پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇلار: ئابدۇللاھ، ئابدۇرراھمان، سائاد، ئۆمەر، ئوسمان، مۇھەممەد، فاتىمە، ئىمران، لادىن، رۇقىيە، نۇر، خەدىجە. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن نەجۋە خانىم ئافغانىستاندىن كەتكەن، بىن لادىن 1983-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق خەدىجە شەرىف خانىم بىلەن ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئەلى، ئۆمەر، ئائىشە ئىسىلىملىك 3 پەرزەنتى بار. خەدىجە خانىم بىن لادىن سۇداندا ياشاۋاتقان مەزگىلدە بىن لادىندىن ئاجرىشىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەن. بىن لادىن 1985-يىلى خەيرىيە سابار خانىم بىلەن ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن ھەمزە ئىسىملىك بىر پەرزەنتى بار، بىن لادىن 1987-يىلى سىھام سابىر خانىم بىلەن ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن خالىد، خەدىجە، مەريەم، سۇمەييە ئىسىملىك 4 پەرزەنتى بار. بىن لادىن 2000-يىلى ئەمەل ئەل-سەدا خانىم بىلەن ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن سەفىيە، ئاسىيە، ئىبراھىم، زەينەب، ھۈسەيىن ئىسىملىك 5 پەرزەنتى بار. بىن لادىن خەيرىيە سابار، سىھام سابار ۋە ئەمەل ئەل سەدا خانىم بىلەن 11-سىنتەبىردىن كېيىن ئافغانىستاندا ياشىغان. بىن لادىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە شۇ ئۆيدە قولغا ئېلىنغان. بىن لادىننىڭ جەمئىي 24 پەرزەنتى بار. بىن لادىننىڭ بوي ئېگىزلىكى m1.9 بىلەن m2.0 ئارىسىدا. بەدەن ئېغىرلىقى kg73، .
(ۋىكىپىدىيە قامۇسىدىن ئېلىندى)
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved