دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 27-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا ھۆكۈمەت تەرەپ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان 4 نەپەر كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. سوت مەھكىمىسى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان باشقا 4 كىشىگە 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. مىسىر ھەربىي سوت مەھكىمىسى سۇۋەيىش قانىلى رايۇنى ۋالىي بىناسى ئەتراپىدا نامايىش قىلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان جىنايەتچىلەرنى، «خەلقنى قورقۇتۇش، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىش، قاتناشنى قالايمىقان قىلىش ۋە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيبلىگەن.
مىسىردا ھۆسنى مۇبارەككە قارشى باشلانغان قوزغىلاڭدىن كېيىن دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى دېموكراتىك سايلامدا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي پارتىيسى ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيىسى نامزاتى مۇھەممەد مۇرسى سايلامدا غەلبە قىلىپ تۇنجى خەلق سايلىغان پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئىدى. مۇرسى ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنىڭ بىر يىللىق ھارپا كۈنىدە ئۆكتىچىلەر كوچىلارغا چىقىپ مۇرسىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، ئۆكتىچلەر بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئارىسىدىكى تۇقۇنۇش باشلىنىپ بىرىنجى ھەپتىسىدىلا ئارمىيە تەرەپ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزىۋالغان. مۇھەممەد مۇرسى 2013-يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىر ئارمىيسى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى. ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش ئەسناسىدا مىڭلىغان كىشى ئۆلتۈرۈلدى ۋە يەنە نەچچە مىڭلىغان كىشى قولغا ئېلىندى. مىسىر ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى تېورلۇق تەشىكلات دەپ ئېلان قىلدى. مىسىر سوتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. مىسىر سوت مەھكىمىسى يېقىندا پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنى بىر قانچە تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved