جاڭ چۈنشيەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىگە مۇھىم تەستىق سالدى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىمچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 17 – يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا سۇنغان تەكلىپكە مۇھىم تەستىق سېلىپ، ئەزالارنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە تۈزەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
جاڭ چۈنشيەن تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇل تېشى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىشنىڭ ئاساسىمۇ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ ئاساسىي قاتلامدا. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ بۇ تەكلىپىدە مەسىلىلەر ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. شۇڭا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشى لازىم. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ قانۇن – تۈزۈم قارىشى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

 ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تۈزەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ››تە يېزىلاردا جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش؛ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ قانۇن بويىچە تۈزەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن بويىچە تۈزەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش؛ يېزىلاردا قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتى مېخانىزمى بەرپا قىلىش؛ يېزا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە تۈزەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ يېزا ھاكىمىيىتى تەشكىلىي خىزمەت راسخوتىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەزەلدىن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. جاڭ چۈنشيەن 2011 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سۇنغان يەتتە پارچە تەكلىپكە تەستىق سالغان. بۇ تەكلىپلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى ھەل قىلىش، يېزا يولۇچىلار تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مەركىزىي شەھەرنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى تۈزەش، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە كەسپىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭدىكى قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ ئەزالارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىگە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراپ، تەكلىپلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھەل قىلغان.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
22-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek