پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 تە ئېنگىلاند بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسى 4-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. لىۋىرپول كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا سىۋانس كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. ئاخىرىدا لىۋىرپول كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن سىۋانس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. ئەمىنىس ئاۋال بىر توپ كىرگۈزدى. باللوتېللى بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. روفلۇن ئاخىرىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ لىۋىرپول كۇلۇبى ئۈچۈن غەلبىنى قوغا كەلتۈردى.
بۇ ئىككى كوماندا تارىختا 34 قېتىم ئۇچرىشىپ باققان. لىۋىرپول كۇلۇبى 17 ئۇتۇش، 8 تەڭلىشىش ، 9 ئۇتتۇرۇش بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جونس مىنىئولا نىڭ ئورنىغا ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقتى. لۇكاس مۇ ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. باللوتېللى زاپاس ئەزا بولۇپ قالغانىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 65 مىنۇت بولغاندا سىۋانس كۇلۇبى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئەمىنىس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە بوشلۇقتىن توپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى.سىۋانس كۇلۇبى 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
86 مىنۇت بولغاندا بورىنى ئوڭدىن ناھايىتى ياخشى پاستىن بىرنى تاشلىدى. باللوتېللى ئالدىنقى نۇقتىنى تالىشىپ بۇ توپنى كىرگۈزدى. لىۋىرپول كۇلۇبى 1-1 نەتىجە بىلەن نومۇرنى تەڭلەشتۈرۋالدى.
94 مىنۇت بولغاندا يەنى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت توشاي دەپ قالغاندا روفلۇن ئىختىيارى توپتىن كەلگەن پاسنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. لىۋىرپول كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
ئاخىرىدا لىۋىرپول كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن سىۋانس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىگە غەلبىلىك كىردى.
لىۋىرپول كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-نومۇر جونس. 19-نومۇر مانكىرو. 6-نومۇر روفلۇن. 4-نومۇر كىرو تۇرى. 2-نومۇر گېللىن جونسون. 21-نومۇر لۇكاس. 14-نومۇر خېندىسىن. 10-نومۇر كۇرتىنىئو . 50-نومۇر ماركىۋىچ ( 70 مىنۇت بولغاندا رارانا ئورنىغا چىقتى.) 9-نومۇر رامبوت ( 79 مىنۇت بولغاندا باللوتېللى ئورنىغا چىقتى.) 29-نومۇر بورىنى.
سىۋانس كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
25-نونۇر تېلمىر. 22- نومۇر لانھىر. 33-نومۇر فېرناندىس. 6-نومۇر ئاشىللى ۋىليامىس. 3-نومۇر نىل تايلور. 56-نومۇر فولتۇن. 8-نومۇر سىلۋا. 12-نومۇر ناسىن دېل. 20-نومۇر مېنتىلو. 1نومۇر ئايمىنىس. 18-نومۇر گومى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved