جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 30-دېكابىر تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، غەربىي ئافرىقىدىكى گىۋىنىيە ، لىبىرىيە ۋە سېررالېئون ئۈچ دۆلەتتە 20 مىڭدىن ئارتۇل ئادەم ئەجەللىك ۋىرۇس ــ ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان . 27-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ‹‹تاجاۋۇزى›› غا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان بۇ ئۈچ دۆلەتتە جەمئىي 20 مىڭ 81 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 9409 ئادەم سېررالېئوندا ئىكەن .
خەۋەردە دېيىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، جەمئىي 7842 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ، ئارىدىن 3500 گە يېقىن ئادەم لىبىرىيەدە قازا قىلغان . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا دېيىلىشىچە ، گىۋىنىيە، لىبىرىيە ۋە سېررالېئوندا جەمئىي 19 مىڭ 695 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، ئارىدىن 7693 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە 666 نەپەر تېببىي خادىم يۇقۇملىنىپ ، 366 سى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان .
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved