شىنلاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى شۇ يەر ۋاقتى 29-دېكابىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ئايرىم -ئايرىم 2014-يىللىق ئامېرىكىقلار قايىل بولغان ئەر ۋە ئايل بۇلۇپ سايلانغان .]
گاللۇپ مەسلىھەت بېرى شىركىتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئەل رايىنى سىناش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە ،ھىلارى كىلىنتون ئۇدا 14 يىل ئامېرىكىلىقلار قايىل بولغان ئايالل بۇلۇپ سايلىنىپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .پاكىستانلىق قىز مالالا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن .ھىلارى نۆۋەتتە 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىىدىكى ئەڭ ئالقشقا ئېرىشكەن نامزات .لېكىن ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى .
ئامېرىكا سىملىق تېلۋىزىيە ئاخبارات تورى يېقىند ائېلان قىلغان بىر ئەل رايىنى سىناش تەكشۈرىشىدە ئۇنى قوللاش نىسبىتى پارتىيە ئىچىدىكى رىقابەتچىسى ۋولىندىن 56 پوئىنتى ئۈستۈن تۇرىدىكەن .بۇ ھىلارىنىڭ سايلامغا قاتناشسىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .گاللۇپنىڭ خەلق ئەڭ قايىل بولغانلارنى سايلاش دوكىلاتىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۇدا يەتتە يىل چىمپىيون بولغان .گاللۇپ 8-دېكابىردىن 11-دېكابىرغىچە ئامېرىكا ئەل رايىنى تەكشۈرىگەن .بۇنىڭ خاتالىق پەرقى پەقەتلا تۆت پوئىنتى ئىكەن .
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون «باربارا ۋالتىسىر سېھرى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك شەخس» باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كېلەر يىلى 2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى قارار قىلىدىكەن.
ئامېرىكا رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى ھەر يىلى «باربارا ۋالتىسىر سېھرى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك 10 شەخس» نى باھالاپ چىقىدىكەن. باربارا . ۋالتىسىر بولسا ئامېرىكا تېلېۋىزىيە ئاخبارات تارىخىدىكى بىرىنچى ئايال رىياسەتچى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا تېلېۋىزىيە ساھەسى تەرىپىدىن «بىرىنچى خانىم» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.2013 ABC-يىلى ئېلان قىلغان ئالاھىدە نومۇرلارنىڭ ئىچىدە، ھىلارىدىن 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقى توغرىسىدا سورالغان ۋاقىتتا، ھىلارى بۇنىڭغا ئېنىق بولغان پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن، پەقەتلا كېلەر يىلى يۇقىرىقى مەسىلە ئۈستىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھىلارىنىڭ ۋالتىسىرقا دېيىشىچە، ئۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق قارار چىقارمىغان. ئۇ كېيىنچە ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈش ئارقىلىق كېلەر يىلى مەلۇم ۋاقىتنى تۇتۇپ 2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىكەن.
ھىلارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ناھايىتى قىيىن بولغان تاللاش بولۇپ، ئۇلار قارار چىقىرىشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ بولالمىغان ھەمدە ئۇ ئۆزىنى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى كېيىنكى قېتىملىق زۇڭتۇڭ دەپ قارىمايدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى بولسا بۈگۈنكى خىزمەتلەر. ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، بىر قىسىم ئامېرىكا ئاھالىسى قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان، كىچىك تىپتىكى كارخانا قەرزگە ئىگە بولالمىغان، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان مەسىلىنى ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئاساسى مەسىلىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان. 20 يىلنىڭ ئالدىدا ABC تۇنجى قېتىم يىللىق سېھرى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان 10 تىزىملىكنى ئېلان قىلغان، شۇ يىلى ئەمدىلا بىرىنچى خانىم بولغان ھىلارى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىكى سېھرى كۈچى كۈچلۈك بولغان شەخس قاتارىغا كىرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىلارى بۇ يىل قايتا سايلىنىپ چىققان ھەمدە كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان.
ھىلارىنىڭ يولدىشى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتون ئىلگىرى ئىككى قېتىم سېھرى كۈچى ئەڭ كۈچلۈكلەر تىزىملىكىگە كىرگەن. ھىلارىدىن كىلىنتون سىزنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىڭىزغا قوشۇلامدۇ ياكى قوشۇلمامدۇ دەپ سورالغان ۋاقىتتا، ھىلارى: كىلىنتون پەقەت ھىلارىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ھىلارىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا بىر ئايال زۇڭتۇڭنىڭ چىقىشى ئىنتايىن «مۇھىم» بولغان مەسىلىكەن. ھىلارى ئەمدىلا زۇڭتۇڭلۇق شەرىپىگە ئېرىشكەن چىلىنىڭ زۇڭتۇڭى چىلەيتنى تىلغا ئالغان، ھىلارىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھىلارىنىڭ دوستى ئىكەن. برازىلىيە ئايال زۇڭتۇڭى دېلما روسسېفنى تىلغا ئالغاندا ھىلارى «ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved