مېسسى 2015-يىللىق FIFA ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

     ئۈرۈمچى ۋاقتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ سائەت 11:30 دا، 2015-يىللىق FIFA  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى سىيۇرىختا ئۆتكۈزۈلدى. مېسسى كىرستىيانو رونالدو ۋە نېيمارنى مەغلۇب قىلىپ، 5-قېتىم ئالتۇن توپقا ئېرىشتى.

   بۇندىن بۇرۇن FIFA 2015-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئاخىرقى ئۈچ نامزاتىنى ئاشكارىلاپ بولغان. كىشىلەر كىشىلەر رونالدو بىلەن مېسسى بۇ مۇكاپاتنى تالىشىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقانىدى. مېسسى بۇندىن بۇرۇن بۇ تۆت قېتىم ئالتۇن توپقا ئېرىشكەن. لېكىن يېقىنقى ئىككى يىلدا رونالدو مۇكاپات ساھىبى بولغان. 215-يىلى مېسسى بارسېلونا بىلەن بىرلىكتە «بەش شاھ»لىقنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن رونالدو بىرمۇ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. شۇڭا مېسسى مۇراسىمدىن بۇرۇنلا مۇكاپاتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتى دەپ قارالغان.

   2015-يىللىق ئەڭ  مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە مېسسى، رونالدو، نېيمار تەڭلا كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇكاپات نامزاتلىرى ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قائىدىگە ئاساسەن، ھەر قايسى دۆلەت مەشقاۋۇللىرى، كوماندا باشلىقلىرى ۋە مۇخبىرلار ۋەكىللىرى بېلەت تاشلىدى.

   بۇ يىللىق FIFA ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىپ بەرگۈچى 2007-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ساھىبى، بىرازىلىيەلىك چولپان كاكا بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەينى چاغدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كۆرۈنۈشلەر يادىڭىزدا بارمۇ دەپ سورالغاندا، ئۇ : «ئەينى يىلدىكى مۇكاپات تارقاتقان كۆرۈنۈشلەرنى مەن تۈنۈگۈن تېخى ۋېدىيودا كۆردۈم. ھازىر بۇ مۇكاپات نامزاتلىرىنى كۆرۈپ، ئەينى يىللاردىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى ھېس قىلدىم.» دېدى.

   ئاخىرىدا كاكا بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ساھىبى مېسسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالتۇن توپنى مېسسىغا تاپشۇردى. مېسسى مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ 5-قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىم، بۇ مېنىڭ توختىماي ئىلگىرىلىگەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ. مەن رىقابەتچىلىرىمنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن. شۇڭا مەن بۇ ئالتۇن توپنى قەدىرلەيمەن.»

   2015-يىلى مېسسىنىڭ ئىپادىسى تولىمۇ قالتىس بولدى، ئۇ بارسېلونا بىلەن «بەش شاھ» بولۇپلا قالماي، 2014-2015-مۇسابىقە پەسلى ئۇزغۇنلۇق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن (10 توپ)، ياردەم توپ شاھى (6 ياردەم توپ) بولدى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى كۈمۈش كەش (43 توپ)، ياردەم توپ شاھى (18 ياردەم توپ) ۈولدى. بارسېلوناغا ۋاكالىتەن 53 مەيداندا 48 توپ كىرگۈزۈپ، 23 ياردەم توپ چىقاردى. ئارگېنتىنانى باشلاپ، ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ئۇ بۇ قېتىم 5-قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مېسسى بىلەن رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى مىسىلى كۆرۈلمىگەن ھالدا، ئۇدا سەككىز يىل مونوپول قىلدى...



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
05-05-2016
    رىگان، تولۇق ئىسمى Ronald Wilson Reagan، ئۇ 1911-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتىدىكى تامپىكو شەھىرىدىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئوڭچىل سىياسىئون، ئىلگرى...
05-05-2016
    ئامىر خان  بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.   ...
Powered by Leglek