30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 لەردە ئىراقتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق پارلامېنت سايلىمىغا ئاۋاز بېرىلدى، بۇ ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمى، سايلام ئىراققا ئىسلاھات پۇرسىتى ئېلىپ كېلەلەمدۇ يوق؟ بۇ ئىراقنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا 277 سىياسىي ئەمەلىي گەۋدىدىن كەلگەن 9032 نەپەر نامزات پارلامېنتتىكى 328 ئورۇننى تالىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال نامزات 2607 بولۇپ، ئومۇمىي نامزاتلار سانىنىڭ %28.8نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى سان.
ئىراق دائىرىلىرى سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈئچۈن يېقىندا جايلارنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرىنى كۈچەيتتى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مەكتەپلەر قاتارلىقلاردا 27-ئاپرېلدىن باشلاپ بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئايرودوروملار 28-ئاپرېل كەچتە تاقالدى، پايتەخت باغداتتىلا نەچچە ئون كۆچمە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلدى، كىرىپ چىقىش ئېغىزلىرى تاقالدى، ئىراق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئاۋاز بېرىلگەن كۈنى باغداتتىكى ئاساسلىق كوچىلاردا ئادەملەر كۆپەيگەن، نۇرغۇن سايلىغۇچىلار پىيادە ئاۋاز بېرىش پونكىتىغا بارغاندىن كېيىن يەنە قاتمۇ قات بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاۋاز بېرەلەيدىكەن.
بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇنقى 20-مارت ئىراق ئۇرۇشى پارتلىدى، سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدا ۋە تۈرتكىسىدە ئىراق سىياسى مۇساپىسىنى قايتا قۇرۇشنى باشلىدى.
2005-يىلى 8-ئايدا ئىراق مەڭگۈلۈك ئاساسى قانۇن لايىھەسى چىقاردى شۇنداقلا 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلقنى ئاۋاز قويۇشتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزدى، شۇ يىلى 12-ئايدا ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى رەسمىي پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، 2006-يىلى 5-ئايدا ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، مالىك زۇڭلى بولدى، سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر قارشى تۇرغان بولسىمۇ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق ھوقۇقى شىيە مەزھىپى بىلەن كوردلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىندى، سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىراقتىكى شىيە مەزھىپى، سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئەرەپلەر ۋە كوردلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەزھەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت تۇغۇلدى.2010-يىلى 3-ئايدا ئىراق ئىككىنچى قېتىم خەلق پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، دىن، مىللەت، پارتىيەلەر ئىختىلاپى ئېغىر بولغانلىقتىن ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ مەنپەئەت زىددىيىتىنى ھەل قىلىش قىيىنغا چۈشتى، شۇ يىلى 12-ئايغا كەلگەندە مالىك باش مىنىستىرلىقىدىكى كۆپ پارتىيەلەر بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئاندىن ۋۇجۇدقا كەلدى.
ئىراق ئۇرۇشى بۇ دۆلەتنىڭ ئەسلى سىياسىي ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شىيە مەزھىپى، سۈنئىي مەزھىپى ۋە كوردلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۈچنىڭ پۇت تېپىشىشى دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، پارلامېنت ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ كۆچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى، نۇرغۇن مۇھىم قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقىرىلىشى قىيىنغا چۈشتى، بۇ دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسالغۇ بولدى، يېقنقى يىللاردىن بۇيان گەرچە نېفىت كىرىمى مۇقىم ئاشقان بولسىمۇ ئەمما سىياسىي ئايرىمىچىلىق، ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن بولۇشى، چىرىكلىك ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن خەلق تۇرمۇشى ناچارلىشىپ كەتتى ھەتتا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەممىنى قايتىدىن باشلاش ھالىتىدە تۇردى، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلانمىدى، ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشى ۋەقەلىرى ، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈزۈلمەي يۈز بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرىيە كىرزىسىنىڭ سىرتقا يامرىشى ۋە بازا تەشكىلاتى، دىنى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ئىراقنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ قىيىنغا چۈشتى.
ئىراق سايلىغۇچىلىرى ئاۋاز بېرىش مەزگىلىدە ھۇجۇم قىلىش خەتىرىگە يولۇقسىمۇ ئەمما ئۇلار بۇ قېتىمقى سايلامغا يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتتى، بەزى ئىراقلىقلار: زوراۋانلىق تېررورلۇق تەھدىدى بىزنىڭ ئاۋاز بېرىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ دېدى، بەزى ئىراقلىقلار مۇنداق دەپ قارىدى: پارلامېنت سايلىمى ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنىڭ بىر بولۇشى ، دۆلەتنىڭ بالدۇرراق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پايدىسى بولۇشى ، خەلق بالدۇرراق ئارامخۇدا كۈنلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن.
مىسىر قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكولتىتىتىنىڭ سابىق مۇدىرى پىروفېسسور ھەسەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سايلام ئىراقنىڭ دېموكراتىك مۇساپىسىدە تاشلانغان ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم، ھازىر ئىراقنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كىرزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مەزھەپلەر توقۇنۇشى، مىللىي زىددىيەت ھەل بولمىدى، ئامېرىكا ئىراققا ھەقىقىي دېموكراتىيە ئېلىپ كېلەلمىدى، ئەكسىنچە مالىمانچىلىق ئېلىپ كەلدى. قاھىرە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكولتېتىتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ھېنرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق ھەتتا غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى مالىمانچىلىق ئەمەلىيەتتە شۇ يەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش مۇساپىسىدىكى ئالامەت، دېموكراتىيەگە تايىنىپلا بۇ رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈشتە دېموكراتىيەنى ياخشلىغىلى بولمىسا دۆلەت ئۇزاق مۇددەت مالىمانچىلىق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئىراق، لىۋىيە، ھەتتا مىسىر بۇنىڭ جانلىق مىسالى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved