2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋەر، گۇاڭدۇڭ دوڭگۇەن. قىش كىرگەندىن بۇيانقى بىر قېتىملىق قاتتىق يامغۇر خەنشى دەرياسىنىڭ دوڭگۇەن دوڭچېڭ ۋېنتاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى دەريا قېشىنى بۇزىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيى يوچۇقتىن شىددەت بىلەن قويۇلۇپ يېقىن ئەتراپتىكى مىڭ موغا يېقىن ئېتىزلىق ۋە كوچىلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن. ۋەقە 12-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى تارماقلار دەرھال ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 10-چىسلا سەھەر ۋاقتى 4 دە بىر دانە يۈك ماشىنىسىنى ئىتتىرىپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق يوچۇقنى ئەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيى قايتا قويۇلمىغان. نۆۋەتتە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
12-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 12 دە مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سۇ بېسىپ كەتكەن يوللارنى قامال قىلىپ ماشىنىلارنىڭ يۈرۈشىنى چەكلىگەنىدى. ۋېنتاڭ چوڭ كۆۋرۈكى يول بۆلىكىدىكى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان كوچىنىڭ ھەممە يېرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن بولۇپ، بەزى كىچىك ماشىنىلار سۇغا چىلىنىپ قالغانىدى، يەنە بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى سۇدا بېلىق تۇتىۋاتاتتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved