ئىسپانىيە « ياۋروپا دولقۇنى » تورنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر يىل ئىلگىرى گرېتسىيە ئارال سېتىپ قەرز قايتۇرۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇق بايۋەتچىلەر ئارىسىدا ئارال سېتىۋېلىش قىزغىلىقى كۆتۈرۈلگەن. 42 ياشلىق گۇاڭدۇڭلۇق سودىگەر چوڭ-كىچىك بولۇپ 30 دىن ئارتۇق ئارالنى سېتىۋالغان. 2015- يىلى يازدا بۇ جۇڭگولۇق سودىگەر ئۆزىگە ئوخشاش بىر قانچە پۇلدار دوستىنى باشلاپ تىنچ ئوكياندىكى بىر قانچە ئىسسىق بەلۋاغ ئارىلىدا ئايلىنىپ، تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئارال سېتىۋالغان.
لىندوڭ جۇڭگودىكى يېڭى بايلار قاتىلىمىدا بىخ سۈرىۋاتقان ئارال سېتىۋېلىش دولقۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ياكى ئىجارە ئېلىش شەكلى بىلەن نەچچە يۈز مىڭ يۈەندىن نەچچە مىليون يۈەنگىچە پۇل خەجلەپ ئارال خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ. جۇڭگولۇق بايلار ئارىسىدا كارىب دېڭىزى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا ئارال سېتىۋېلىش ئاستا-ئاستا يېڭى مۇدا ئېقىمغا ئايلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved