Carlex Design بىرىنچى ئەۋلاد BMW Z4 ئۈستى ئوچۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىپ، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاپچىسى ئىشلەتكەن. بۇ Z4 ئۈستى ئوچۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى شۈبھىسىزكى بىر بەلگە خاراكتىرلىك مودىل، تۇلپارنىڭ مەھسۇلات گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئەمما ئۇنى تۇلپار 3 ياكى 5 قاتارىغا سېلىشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشمىگەن.
سىرتقى كۆرۈنۈش تەرەپتە، Carlex Design ئىككى خىل رەڭلىك ئورالما تەمىنلىگەن، كۈلرەڭ ۋە كۈمۈش رەڭ ئىككى خىل رەڭنى بىرلەشتۈرگەن، ھەم يېڭى بولغان ئالدى-ئارقا بىخەتەرلىك لىمى، كاربون تالالىق ئارقا تارقاقلاشتۇرغۇچ ۋە يېڭى ئالىيۇن قېتىشمىلىق چاق بۇلى ئىشلەتكەن. ئارقىدا تۆت تۇربىلىق گاز چىقىرىش سېستىمىسى بار.
Carlex Design نىڭ مۇتەخسىسى قارا رەڭلىك Alcantara ماتىرىياللىق ئىچكى بېزەكنى تاللىغان. بىر سىپورت شەكىللىك رول ۋە ئازادە ۋە مۇقىم بولغان سىپورت ئورۇندۇق تەمىنلىگەن.
ماتورغا تۇلپار M3 نىڭ كۈچلۈك V8 ماتورىنى ئىشلەتكەن، ئەمما بۇ تەرەپتە تەپسىلىي ئۇچۇر يوق، ھەم بۇ نۇسخا Carlex Design نىڭ تۇلپار Z4 نىڭ باھاسى ۋە مال تەمىنلەش تەپسىلاتىمۇ يوق.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved