ئىلگىرى نوكىيانىڭ HERE خەرىتە مۇلازىمەت كەسپىنى سېتىۋىلىشىنى ئويلاشقانلاردىن ئالما، بەيدۇ، ئالىبابا، ئامازۇن، Facebook ھەم گىرمانىيە ماشىنا ياساش كارخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
مەزكۈر ئۇچۇردىن خەۋەردار كىشىنىڭ كۆرسىتېشچە، نۆۋەتتە نوكىيا HERE خەرىتە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سېتىلىش باھاسىنى 3 مىليارد 200 مىلىيون قىلىپ بېكىتكەن. نوكىيا HERE خەرىتە مۇلازىمەتى 2008 - يىلى NAVTEQ خەرىتە شىركىتىنى ئۆزىگە قوشىۋالغان بولۇپ، ئەينى يىلى NAVTEQ خەرىتە شىركىتىنى 8مىليارد 100 مىليون ئامرېكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. نۆۋەتتە نوكىيا شىركىتىنىڭ HERE خەرىتە كەسپىگە رەسمىي خىرىدار چاقىرمىغان، لېكىن توردا ئېقىپ يۈرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىندا نوكىيا تەرەپ مۇۋاپىق سېتىۋالغۇچىنى تاپالمىغان ئىكەن.
ئالما شىركىتى ئۈچۈن نوكىيانىڭ HERE خەرىتە مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆزىگە قوشىۋىلىشى ئۆزىنىڭ ئالما خەرىتىسنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق. ئالما شىركىتى IOS6 دىن باشلاپ خەرىتە يۇمشاق دېتالىنى تەمىنلىگەن. بۇ خەرىتە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئالما خەرىتىسى ئىككى يىلى ئىچىدە ئۆزىگە كەڭ تەرەپلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە قاتناشقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلىرنى قوشقان ھەم نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشقان.ئالما تەرەپ ئۆز خەرىتە ئەپ دېتالىنى داۋاملىق ئارقا سەپتە مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
قىززىق يىرى شۇكى، نوكىيا يېڭىدىن HERE خەرىتىسى ئەپ دېتالىنىڭ IOS نۇسخىسىنى ئىچىۋاتقان بولۇپ 15 ئاي ئىچىدە App Store غا چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved