شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇھىت ھوقۇقىغا چېقىلىش جاۋابكارلىقى دېلوسىدا قانۇننى تەدبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نى ئېلان قىلدى. بۇ يېڭى ‹‹مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان مۇھىت جاۋابكارلىقى ماجىراسىنى سوتلاشقا دائىر 2 – ئەدلىيەلىك ئىزاھات ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھات 3 – ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھات جەمئىي 19 ماددا بولۇپ، مۇھىت ھوقۇقىغا چېقىلىش جاۋابكارلىقى دېلوسىدا قانۇننى تەدبىقلاشقا دائىر مەسىلىلەر سەككىز جەھەتتىن ئىزاھلانغان. بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى خۇسۇسىي مۇھىت ھوقۇقى دەۋاسى دېلوسى، مۇھىت پاراۋانلىقى دەۋاسى دېلوسى، مۇھىتنى بۇلغاش دېلوسىغا ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزۇش دېلوسىغا تەدبىقلاشقا بولىدۇ.
بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەندى: مۇھىتنى بۇلغاپ، مۇھىتنى بۇزسا، مۇھىتنى بۇلغىغانلارنىڭ سەۋەنلىكى بولسۇن – بولمىسۇن، مۇھىتنى بۇلغىغانلار مۇھىت ھوقۇقىغا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇھىتنى بۇلغىغانلار چىقارغان بۇلغىما دۆلەت ياكى يەرلىكنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، دېگەننى باھانە قىلىپ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.
يېڭى ‹‹مۇھىت ئاسراش قانۇنى››دا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئاپپاراتلىرى، مۇھىتنى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار ساختىلىق قىلسا، مۇھىتنى بۇلغىغان ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزغانلار بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا ‹‹ساختىلىق قىلىش››قا ئېنىقلىما بېرىلدى: بىرىنچىدىن، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىلار يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرگەن ياكى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن ماتېرىيالنىڭ ساختىلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يالغان باھالاش ھۆججىتى چىقارغانلار؛ ئىككىنچىدىن، مۇھىتنى كۆزەتكۈچى ئاپپاراتلار ياكى مۇھىتنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسرىغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىلار يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغانلىقى ياكى نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىشىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى توغرىسىدىكى پاكىتنى يوشۇرغانلار؛ ئۈچىنچىدىن، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىلار يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنى نورمال مەشغۇلات قىلغۇزمىغانلار؛ تۆتىنچىدىن، ئالاقىدار ئاپپاراتلار مۇھىت مۇلازىمىتى پائالىيىتىدە باشقا ساختىپەزلىك قىلىش سەۋەبىدىن مۇھىتنى بۇلغاش ئەھۋالىنى پەيدا قىلغانلار.
بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا بىر نەچچە كىشى ئايرىم – ئايرىم ياكى بىرلىشىپ مۇھىتنى بۇلغاش توغرىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ مۇھىتنى بۇلغاپ، باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلغان، زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىر نەچچەيلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا مۇھىتنى بۇلغاپ، ئوخشاش زىيانكەشلىكنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئايرىم – ئايرىم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئەرز – تەلەپلىرى ۋە كونكرېت دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇھىتنى بۇلغىغانلارنى زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توختىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە زىياننى تۆلەپ بېرىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ‹‹ئەسلىگە كەلتۈرۈش››تە، ئاساسلىقى مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنلەردىن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۆز ئورنىدا ياكى باشقا جايدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر مۇھىتقا زىيان سالغۇچىلار مۇھىتنى تۈزىمىسە، ئەسلىگە كەلتۈرمىسە ياكى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى مۇھىتنى بۇلغىغۇچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ.
بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا يەنە مۇھىت ھوقۇقىغا چېقىلىش جاۋابكارلىقى دېلوسىنىڭ جاۋابكارلىق پىرىنسىپى ۋە جازانى يېنىكلىتىش، كەچۈرۈم قىلىش پىرىنسىپى، 3 – كىشىنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن مۇھىتنى بۇلغاپ زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى جازالاش، مۇھىتنى بۇلغىغانلار ئارىسىدىكى دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش، جاۋابكارلىقنى تەقسىملەش پىرىنسىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved